ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
تۇزلانغان يېسىي پۇچاقمۇ يىيىشلىك بولىدىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېسىي پۇرچاق تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قورۇما قورۇيلى ياكى قىيما قىلىشقا ئىشلىتەيلى، ناھايىتى تەملىك چىقىدۇ. يېسىي پۇرچاق يىيىشلىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى؛ يېسىي پۇرچاق تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، كۆپ خىل ۋىيتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور، كالى قاتارلىق كۆپ خىل مىنرال ئىلمىنتلار بولۇپ، ساغلاملىق ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. ئادەتتە، مۇۋاپىق تۈردە يېسىي پۇرچاق يەپ بەرگەندە، ئاشقازان ۋە ئۆتنى ياخشىلايدۇ؛ بولۇپمۇ ئاشقازىنى ياخشى بولمىغان كىشىلەر، ھەمىشە يېسىي پۇرچاق يەپ بەرسە، ئاشقازىنىغا پايدىلىق بولىدۇ. يېسىي پۇرچاقنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەمىلىيەتتە، بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تۇزلانغان چۈچۈمەل تەملىك يېسىي پۇرچاقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشكەن.

   تۇزلاپ تەييار قىلىنغان چۈچۈمەل تەملىك يېسىي پۇرچاق ھەم چۈچۈمەل ھەم چۈرۈك بولۇپ، بىۋاستە يىيىشكە بولىدۇ ھەمدە ئازراق گۆش بىلەن بىللە قورۇپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ؛ تۇزلانغان چۈچۈمەل تەملىك يېسىي پۇرچاق بولسا، بىر قاچا مىفەننى ئارتۇق يەۋىتىسىز. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، دەل مۇشۇ خىل تۇزلانغان چۈچۈمەل تەملىك يېسىي پۇرچاق تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: يېسىي پۇرچاق ئۈچ جىڭ، سۇ 5000مىللىلىتىر، كاۋاۋىچىن بىر تۇتام، داشىياڭ، تۇز 150گىرام
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   يېسىي پۇرچاقنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، ئىككى بېشىنى كىسىپ ئېلىۋىتىپ، سۈيىنى تۇلۇق قۇرىتىمىز؛
ئىككىنچى قەدەم
   قازانغا 5000مىللىلىتىر سۇنى قۇيۇپ، كاۋاۋىچىن، داشىياڭ ۋە تۇزنى قوشىمىز؛ تۇز قوشقاندا، تەم تەڭشەش بىلەن بىرگە، يېسىي پۇرچاقنىڭ بۇزۇلۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ. چوڭ ئوتتا قازاننى قاينىتىپ، ئوتتۇرا ئوتقا ئالماشتۇرۇپ يەنە ئىككى مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن، كاۋاۋىچىننىڭ تەمىنى چىقىرىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنى تۇلۇق سۇۋىتىمىز.
ئۈچىنچى قەدەم
   سۈيىنى قۇرۇتۇپ تەييارقىلغان يېسىي پۇرچاقنى ئىچى قۇرۇق بولغان ھەم ئېغىزىنى چىڭ ئەتكىلى بولىدىغان قاچا ئىچىگە يۆگەپ يۇمىلاقلاپ سالىمىز؛ ھەممە يېسىي پۇرچاقنى سېلىپ چىڭ بېسىۋەتكەندىن كىيىن، ئالدىدا قاينىتىپ تەييارلىغان تۇز سۈيىنى ئۈستىگە قۇيىمىز(يېسىي پۇرچاقنىڭ تۇلۇق چۆكىشىشىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كىرەك)؛ ئاخىرىدا، قاچىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ ئىتىپ، 20كۈن ئەتراپىدا قويۇپ قويساق، بۈگۈنكى تۇزلانغان چۈچۈمەل تەملىك يېسىي پۇرچاق تەييار بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号