ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
بۇ خىل چىلىغان كۆكتات ئادەمگىياھتىن قېلىشمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆكتاتنى ئاساس قىلىپ ئۇزۇقلىنىدىغان بولدى؛ بۇ سەۋەپلىك، چىلىغان كۆكتاتلارمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىكىگە ئايلاندى. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كۈز كۈنلىرىدە يىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان—ئاچچىق-چۈچۈك چىلانغان تۇرۇپ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   تۇرۇپ
خۇرۇچ ماتىريالى
   كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، ئۇچلۇق كۆكمۇچ، چىلانغان كۆكمۇچ، ئاق ئاچچىقسۇ، ئاق شىكەر، تۇز، زەنجىۋىل، سامساق
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   تۇرۇپنىڭ پوستىنى ئاقلىۋىتىپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۇزۇنراق قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
 
-2-
   توغرالغان تۇرۇپنى قاچىغا سېلىپ، ئىككى قوشۇق تۇز قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، 30مىنۇت قويۇپ تۇزلايمىز؛ تۇزلاپ سۈيى چىققاندىن كىيىن، سۈيىنى ساقىتىۋىتىپ، سۇغۇق قايناقسۇدا تۇرۇپنى پاكىزە چايقىۋىتىمىز.

-3-
   ئۈستىگە توغرالغان سامساق ۋە زەنجىۋىل، ئۇششاق توغرالغان ئۇچلۇق قىزىلمۇچ ۋە ئۇچلۇق كۆكمۇچ، 20تال چىلانغان كۆكمۇچ، 100مىللىلىتىر سۇغۇق قايناقسۇ، ئىككى قوشۇق ئاق شىكەر، بىر قوشۇق تۇز، 50گىرام ئاچچىقسۇ قوشقاندىن كىيىن، 3-2سائەت چىلاپ قويۇپ قويساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
   بۇ خىل ئاچچىق-چۈچۈك چىلانغان تۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەمدە ھەرقانداق تۈردىكى ئاساسى يىمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号