ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
پالەك بىلەن دۇفۇنى زادى بىرگە ئىستىمال قىلىشقا بولامدۇ يوق؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-15كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر ھەرخىل يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىزدا، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماسلاشمايدىغانلىقى، ھەتتا قايسى خىل يېمەكلىكلەرنى بىرگە ئىستېمال قىلسا "زەھەر"گە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار كۆپىيىپ كەتتى؛ مەسىلەن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن پىۋا، ياڭيۇ بىلەن تۇخۇم، بانان بىلەن قېتىق...قاتارلىقلار. لېكىن، بۇ خىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى، قىلچىلىك ئىلىمى ئاساسى يوق ئەپقاچتى گەپلەر.
   بۈگۈن، جامائەت ئارىسىدا كەڭ تارالغان، "پالەك بىلەن دۇفۇنى بىرگە ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ" دېگەن بۇ خىل قاراشنى مىسالغا ئېلىپ، ئالدىدىكى نوقتىنەزىرىمىزگە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز. دۇفۇ بىلەن پالەكنى بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ مۇنداق ئاساسى بار: دۇفۇ تەركىبىدە كالتسىي مول، پالەك تەركىبىدە بولسا، مول مىقداردا ئوكسالات كىسلاتاسى(草酸) بار، ئوكسالات كىسلاتا بىلەن كالتسىي بىرلەشسە، تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
   ئالدى بىلەن ئوكسالات كىسلاتا ھەققىدە توختىلىمىز. ئوكسالات كىسلاتا، كۆكتاتلار تەركىبىدە ئومۇميۈزلۈك بار بولغان بىر خىل ماددا بولۇپ، كۈدە، يۇۋ بەسەي، كەرەپشە، بەسەي، چېچەكسەي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆپ مىقداردا ئوكسالات كىسلاتا بار، ھەتتا گازىر، بۇغداي، پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ ئاز ئەمەس. كۈدە تەركىبىدىكى ئوكسالات كىسلاتا مىقدارى، %1.48گە يىتىدۇ، ئەمما بىز ئوكسالات كىسلاتا مىقدارى  ئاران %0.97 بولغان پالەكنى تۇتقا قىلىۋېلىپ خاتا قاراش پەيدا قىلساق، بۇ ئەسلىدىنلا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.
   ئەمدى تاش چۈشۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تاش چۈشمەيدۇ، ئادەمنىڭ تاش چۈشىدىغان ئەزاسى كۆپىنچە بۆرەك بولىدۇ؛ بۆرەككە تاش چۈشۈش، ئاساسلىقى بۆرەكتىكى ئوكسالات كىسلاتا زور مىقداردا يېغىلىپ قالغاندىن كىيىن، كالتسىي بىلەن بىرىكىپ تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاڭلىماققا، پالەك بىلەن دۇفۇنى ھەقىقەتەن بىرگە ئىستېمال قىلغىلى بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ؛ لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئوكسالات كىسلاتا تەركىبىكى يۇقىرى يېمەكلىك بىلەن كالتسىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكنى قوشۇپ بىرگە ئىستېمال قىلغاندا، تاش چۈشۈش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى، پالەك تەركىبىدىكى ئوكسالات كىسلاتا بىلەن دۇفۇ تەركىبىدىكى كالتسىي، ئاللىبۇرۇن ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىدا بىرىكىشنى تاماملاپ، چوڭ تەرەت بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۈچەينىڭ ئوكسالات كىسلاتاسىنى سۈمۈرۈشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇپ، ئەكسىچە سۈيدۈك ئارقىلىق ئوكسالات كىسلاتانى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوكسالات كىسلاتا بۆرەككە يېتىپ بارالمايدۇ دە، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   يۇقىرىدا، دۇفۇ بىلەن پالەكنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلدۇق. ئەمدى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بولسا، دۇفۇ پالەك قورۇمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كېتەرلىك ماتېريال: پالەك، دۇفۇ، تۇخۇم، غولپىياز مايسىسى، سامساق، قاقمۇچ، شىڭچوۋ جياڭيۇسى، تۇز.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، قازانغا ماينى كۆپرەك قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، چېقىپ ھەم قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى سېلىپ قاتۇرىمىز؛ ماينى كۆپرەك قۇيساق، قاتۇرغان تۇخۇم تېخىمۇ كۆپۈپ تەملىك چىقىدۇ.
   ئىككىنچى قەدەمدە، تۇخۇمنى قازاندىن ئېلىۋالغاندىن كىيىن، قازاندا ئېشىپ قالغان مايغا، توغراپ تەييارلىغان دۇفۇنى سېلىپ، ئىككى يۈزى سارغايغىچىلىك داغلاپ ئېلىپ قويىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۈستىگە يېرىم قوشۇق ماي قوشىمىز ھەمدە سۇنى قاينىتىمىز؛ سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن پالەكنى سېلىپ، بىر مىنۇت قاينىتىۋىتىپ، سۈزۈپ ئالىمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، توغرالغان غولپىياز مايسىسى، سامساق ۋە قاقمۇچلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، سۇدا قاينىتىپ ئالغان پالەكنىڭ سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن قازانغا سېلىپ 30سېكۇنت قورۇيمىز؛ كەينىدىن داغلاپ تەييارلىغان دۇفۇ بىلەن تۇخۇمنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   ئالتىنچى قەدەمدە، ئاخىرىدا ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جياڭيۇسى، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号