ياش چەكلىمىسى : 6ئايلىقتىن 1 ياشقىچە بوۋاقلار
ماتېرياللار : تاتلىق ياڭيۇ 200گرام ، بانان بىر دانە ، سۈت 200 گرام
ئەسۋاپلار : قاسقان ، قىيما قىلىش قاچىسى ، سۈزگۈچ
تەييارلاش باسقۇچلىرى : باسقۇچتاياڭيۇنى پاكىز يۇيىۋالىمىز ، باناننى پوستىدىن ئايرىۋالىمىز
تاتلىق ياڭيۇنى قەن چوڭلۇقىدا توغراپ تەييارلىۋالىمىز
دېققەت : تاتلىق ياڭيۇنىڭ چوڭ_كىچىكلىكى نورمال بولسۇن
توغراپ تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇنى قاسقانغا سېلىپ 15~20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىۋالىمىز
دۈملەپ تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇنى قىيما قىلىش قاچىسىدا ئۇششاق ئېزىۋالىمىز، ئەگەر ئېزىش جەريانىدا قۇرغاق ھېس قىلساق مۇۋاپىق مىقتاردا سۈت قوشساقمۇ بولىدۇ
ئۇششاق ھالەتكە كەلگەن تاتلىق ياڭيۇنى تەييارلىۋالغان سۈزگۈچكە سېلىپ ئېزىپ بىر قاچىغا يۇمشاق ھالەتكە كەلتۈرىمىز ،يەنى بۇنداق قىلغاندا بوۋاقلىرىمىزنىڭ يىيىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ
باناننى پوستىدىن ئاقلاپ تەڭگە چوڭلۇقىدا توغراپ تەييارلايمىز
ئاندىن توغراپ تەييارلىۋالغان بانان پارچىلىرىنى ئېزىش قاچىسىدا ئېزىپ تەييارلايمىز
ئېزىپ تەييارلىۋالغان باناننى سۈزگۈچكە سېلىپ ئۇنىڭدىن بانان شىرنىسى ئايرىۋالىمىز. ئانىلىرىمىز ئائىلىدە بانان ئورنىغا ئېھتىياجىغا قاراپ باشقا مىۋىلەرنىمۇ تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ
تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇ شىرنىسى بىلەن بانان شىرنىسىگە سۈت قوشۇپ ئارلاشتۇرىمىز
ئەسكەرتىش:ئائىلىدە مىۋە ئېزىش ماشىنىسى بار ئانىلىرىمىز تاتلىق ياڭيۇ بىلەن باناننى مىۋە ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىپ بىۋاستە شىرنە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئاندىن سۈت بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئۇماق بوۋىقىمىزنىڭ تاتلىق تامىقىنى تەييارلىسا بولىدۇ
ئۇماقلىرىمىزنىڭ مېزىلىك ھەم قۇۋۋەتلىق تامىقى تەييار بولدى
تەۋسىيە:تاتلىق ياڭيۇ ۋە بانان شىرنىسىدىن تەييارلىغان تامىقىمىزنى بوۋاقلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق تامىقى ئورنىدا ئىستىمال قىلسا تامامەن بولىدۇ ، چۈنكى تاتلىق ياڭيۇ بىلەن بانان ئارلاشقاندا بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان مول ۋىتامىنلار بولىدۇ، شېكەر قوشمىساقمۇ تەمى بەك تاتلىق

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

زىمىستان قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە، قورساققا ئامراق كىشىلەرگە نىسبەتەن، پەقەت ئاشقازىنىدا يېمەكلىك بار بولۇشلا، ئاندىن سوغۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى ھېسا

ئۇ مىنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق؟ بۇ، نۇرغۇن ئاياللار مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە. مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئاياللار دەل مۇشۇنداق، ئۇلار تۇغۇلما شۇندا

شۇندىن كىيىن، ئۇ دۇنياغا داڭلىق ماي بوياق رەسىملەردىكى كىشىلەرگە ئوخشىتىپ رەسىمگە تارتىشنى باشلىغان. رەسىمگە تارتىش جەريانىدا، ئۇ بۇنىڭغا بارغانسىرى قىزىقىپ، ئۆ

ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيتناملىق بىر "مۇناپىق دادا"، ئايالى سۈت بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ 14ياشلىق قىزىغا باسقۇ

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قىش پەسلىدە ئىچىشكە ماس كېلىدىغان كۈتۈنۈش شورپىسى—نىلوپەر غولى قارا شىكەر شورپىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

بەزىلەر توي قىلىپ بولغۇچە قورساق كۆتۈرۈپ ھامىلدار بولىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا بالىسىغا تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن، نەچچە يىل تىرىشىپ ئى

پىسخولوگىيەدە، ناھايىتى قىزىقارلىق بىر خىل ھادىسە بار: ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى، ئۆزىنىڭ "گۈزەل" تەرەپلىرىگە ئىشىنىشنى ۋە مۇبالىغىلەشتۈر

بانان، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەممىمىزگە تولىمۇ تونۇشلۇق؛ ئۇنداقتا، باناننىڭ بەدەنگە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۇفۇ ئۆزى تەملىك ھەم ئۇزۇقلۇقى مول بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، بىراق ئۇنى پىشۇرغان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ داغلىغان ياكى قورىغان ۋاقىتتا ئاسانلا ئىزىلىپ كېتىدۇ! ئەمەلىيەتتە
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号