ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھىندىستاندىكى بىرىنچى باينىڭ قىزىنىڭ تويى ھەشەم قوزغىدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    چەتئەل تورى خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى بىرىنچى باي مۇكېش.ئامبانىينىڭ قىزىنىڭ تويى 12-دىكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تويدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىن تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئۆزىلا قاتتىق ھەشەم قوزغىغان ھەمدە بۇ قېتىملىق ئالدىن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە نۇرغۇن داڭلىق ئەرباپلار ۋە تاماشا سەھنىسىدىكى چولپانلار قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن، ھىندىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
   "ھىندىستان ۋاقىت گىزىتى" نىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، ھىندىستان شىنشى گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى، ھىندىستاندىكى بىرىنچى باي مۇكېش.ئامبانىينىڭ قىزى 12-دىكابىر بومبايدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 8،9-دىكابىر كۈنلىرى، ھىندىستان غەربى قىسىمىدىكى شەھەر ئۇداپۇردا تويدىن ئىلگىركى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن؛ ئامىرىكا سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى ھىلارى.كىلىنتون قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئەرباپلار، بۇ قېتىمقى ئالدىن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە مىھمان سۈپىتىدە قاتناشقان.

   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا ئېلان ساھاسىدىكى ماگىنات WPP نىڭ سابىق باش لىدىرى مارتىن.سوررىل، ئەنگىلىيە نىفىت ماگىناتى BPشىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى باب.دۇدلىي، 21-ئەسىر فوكىس شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى جامىس.مۇردۇچ، سەئۇدى ئەربىستان ئىنىرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى خالىد.فالىخ قاتارلىق سودا ۋە سىياسى ساھەدىكى ئەرباپلار، ئامىرخان باشچىلىقىدىكى بوللىۋود كىنو چولپانلىرى ۋە دۇنياغا داڭلىق بەزى تەنتەربىيە چولپانلىرى ئۇداپۇر شەھرىگە كىلىپ، بۇ قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن پائالىيەتكە قاتناشقان. ئامرىكا داڭلىق ناخشا چولپىنى بىيانىسمۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ناخشا ئېيتىپ نۇمۇر ئورۇنلىغان.
    بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن مۇكېش.ئانبانىي، ھىندىستان شىنشى گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندىستاندىكى بىرىنچى باي. "فوربىس"سىتاستىكا خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇكېشنىڭ ھازىرقى ساپ بايلىقى 47 مىليارد 300مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا(تەخمىنەن 326مىليارد 300مىليۇن خەلق پۇلىغا تەڭ) يىتىدىغان بولۇپ، 2008-يىلدىن بويان ئىزچىل تۈردە ھىندىستاندىكى بىرىنچى باي ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن.
   خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇكېشنىڭ قىزى ئىشا.ئانبانىي بۇ يىل 27 ياش؛ 2014- يىلىل ئامىرىكا يالى داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، پىسىخىلوگىيە ۋە جەنۇبى ئاسىيا تەتقىقاتى پەنلىرى بويىچە قوش ئۇنۋان ئالغان. شۇ يىلى ئۇ قوشكىزەك ئىنىسى ئاكاش بىلەن بىرلىكتە شىنشى گۇرۇھى قارمىقىدىكى تېلگىراف شىركىتى ۋە پارچە سېتىش شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە كىرگەن. 2015-يىلى "فوربىس"، ئىشا.ئانبانىينى ئاسىيادىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئايال قاتارىغا كىرگۈزگەن.
    كۈيئوغۇلنىڭ ئىسمى ئانناد.پىرامال، بۇ يىل 33 ياش بولۇپ، ئۇ پىرامال گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى، ئۇنىڭ دادىسى ئاجاي.پىرامال بولسا پىرامال گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇمۇ بىر مىلياردنىر.
    گەرچە بۇ ئىككەيلەن 12-دىكابىر ئاندىن رەسىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسىمۇ، بىراق ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىن تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ داغدۇغۇسى ۋە ھەشەم دائىرسى، قاتناشقان مىھمانلارنىڭ كۆلىمى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号