ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يۇقىرى قان بېسىمى بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىكتىن قورقىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇرمۇش شارائىتىمىزنىڭ بارغانسىرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا؛ ئۇنداقتا يۇقىرى قان بسىم كىسەللىكى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان قانداق يىمەكلىكلەر بار؟
1. چار خەمەك(苦瓜)
    چار خەمەك تەركىبىدە، كاروتىن، يىرىك تالا ماددىسى، چارخەمەك ماددىسى ۋە ئاسكوربىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ زەھەر ياندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. چار خەمەكنى ئىستمال قىلىش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىللاشقان بولۇپ، ئىزىپ شىرىنىسىنى ئىچىشكە ياكى سۇغۇق سەي تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقا ۋە ياكى قورۇما قورۇپ ئىستىمال قىلىش بولىدۇ، ھەممە خىل ئۇسۇلدا ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاشلا يۇقىرى بولىدۇ.
2. خەيدەي(海带)
    خەيدەي تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن مول بولۇپ، ئۇلار قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىش سېستىمىسىنىڭ نورماللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، خەيدەي تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالارنىڭ قان نۆكچىلىرى ۋە قان تۇمۇر دىۋارلىرىغا يېپىشىۋالغان خولىستىرىننى ئازايتىش ئۈنۈم بار؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەيدەي تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىلىرى ئاشقازان-ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، خولىستىرىننىڭ پارچىلىنىشىنى تىزلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەدەندە ماي يېغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىش ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
    خەيدەينى ئادەتتە شورپا قاينىتىپ ياكى خەيدەينىڭ ئۆزىنىلا قورۇپ ئىستىمال قىلساق، ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك ھالدا قان بېسىمنى تۆۋەنىلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
3. پىياز(洋葱)
     پىيازنىڭ تەركىبىدە، ئامىنو كىسلاتالار، ئاسكوربىك كىسلاتاسى ۋە سولفاتىدلىق ماددىلار قاتارلىق راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار نىسبەتەن مول بولۇپ، ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش، قاندىكى ماي ۋە قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. بىراق پىيازنىڭ غىدىقلاش پۇرىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى بىمارلىرى مۇۋاپىق تۈردە ئسىتىمال قىلىشى، كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号