ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
جىدەللىشىپ قالغاندا بۇ 6 خىل ئىپادىسى بار ئەركىشى...
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئەر-خوتۇنلارمۇ، ئۆمرىدە ئاز دىگەن 200 قېتىم ئاجرىشىپ كىتىش ئويى پەيدا بولىدۇ؛ ئاز دىگەندىمۇ 50 قېتىم قارشى تەرەپنى بوغۇپلا ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى كىلىپ كىتىدۇ. توي تۇرمۇشىدا ئىگىز-پەسلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا بەزىدە جىدەللىشىپ گەپ تالىشىپ قېلىش ئىنتايىن نورمال بولغان بىر ئەھۋال. سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىنىڭ، سىز بىلەن جىدەللىشىپ گەپ تەگىشىپ قالغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىرى بولىدىغان بولۇپ، بۇ سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنى تېخىمۇ شىرىن قىلىدۇ.
1. ئالدى بىلەن باش ئىگىپ خاتالىقىنى تۇنۇيدۇ.
    جىدەللىشىپ قالغاندا ھەر ئىككى تەرەپ ئاچچىققا تولغان ھالەتتە بولۇپ، ھامان بىر تەرەپ ئالدى بىلەن باش ئىگىپ خاتالىقىنى تۇنۇغاندا، ئاندىن بۇ بىر مەيدان كۈرەشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. بەزى ئەرلەر يۈزى تۆكۈلۈشتىن بەك ئەنسىرەيدىغان بولۇپ، ئۇلار مەن ئاۋال كەچۈرۈم سورىسام غۇرۇرۇمغا تەسىر يىتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمما ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلەۋەتقان ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە خوشامەت قىلىشى، ئۆزىنى بەزلەپ يۈرۈشىنىڭ تېخىمۇ يۈز تۆكىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
    سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندا چوقۇم ئالدى بىلەن ئاق بايراق كۆتۈرۈپ تەسلىم بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىزنىڭ بۇ ئۆيگە ئۆزىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ، جىدەللىشىپ قالغان ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدىكى سەزگۈرلۈك ۋە نازۇكلۇقنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭقۇر ئازاپ ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
2. ئايالىنىڭ ئاچچىقىنى يۇمۇرىستىك ئۇسۇلدا بېسىقتۇرالايدۇ.
    ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندا، ئاياللارنىڭ ئاچچىقىنىڭ كىلىشىمۇ تىز، كىتىشىمۇ تىز بولىدۇ، شۇڭا بۇۋاقىتتىكى ھالقىلىق مەسىلە ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى قانداق بېسىقتۇرۇشتا بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئاۋاز ئاياللارنىڭ قولىقىغا كىرمەيدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئەگەر ئۇلار بىلەن داۋاملىق گەپ تالاشسا، ئۇنداقتا ئايالىنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ يۇمىرىستىك تۇيغۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بىر نەچچە ئېغىز قىزىقارلىق گەپ قىلىپ، ئايالىنى كۈلدۈرەلىسە، ھەمدە بۇنىڭغا نەچچە ئېغىز خوشامەت سۆزلىرى قوشۇلسا، ئايالىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى شۇ ھامانلا بېسىقتۇرالايسىز.
    سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، سىلەر جىدەللىشىپ قالغاندىمۇ سىزنى بەزلەپ كۈلدۈرەلەيدىغان ئامالى بار بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئىزچىل تۈردە سىزنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەم بولۇپ، سىزنىڭ راستىنلا ئاچچىقلىنىپ قالمىغانلىقىڭىزنى، سىزنىڭ پەقەت ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىشقا بىر مۇھىتقا ياكى بىر ھالەتكە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ يىتەلەيدۇ.
3. ناچار ۋە قاتتىق گەپلەرنى قىلمايدۇ.
    ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندا، بەزىدە توغرا كىلىپ قېلىپ، بەزىبىر سۆزلەرنى ئويلاشمايلا قىلىپ سالىدۇ؛ مەسىلەن "ئەگەر بەك كىلىشەلمىسەك، ئاجرىشىپ كىتەيلى!"، "بۇ مەن پۇل تېپىپ سېتىۋالغان ئۆي، سەن ئۆيدىن يوقال!" دىگەنگە ئوخشاش. قىلغان سۆز ئاتقان ئوققا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ناچار گەپلەر، قاتتىق گەپلەرنى تېخىمۇ قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ؛ بۇنداق ناچار ھەم قاتتىق كەلگەن سۆزلەر تويلىشىشنىڭ مۇقەددەسلىكىگە دەز يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق ئازار بىرىدۇ.
    سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشى، سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۈرىدۇ. سىلەر جىدەللىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، سىز ئۈچۈن ئاخىرقى چەك قالدۇرۇپ قويىدۇ؛ چۈنكى بىر دەملىك ئاچچىقنى دەپ ئويلاشمايلا قىلغان ناچار گەپلەر ۋە قاتتىق گەپلەر بەزىدە ەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. كونا خاماننى سورىمايدۇ.
    ئادەم بولغان ئىكەنمىز خاتالىقتىن مۇستەسنا بولالمايمىز. ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىسىدە بەزى خاتا ئىشلارنى قىلىپ سالىدىغان ھەتتا ئەخمەقلەرچە ئىش كۆرۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئايالى بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندا، ئايالىنىڭ بۇرۇنقى خاتالىقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كونا خاماننى سورۇپ يۈرسە، بۇ ئۆزىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيلا قالماي، يەنە تېخى ئايالىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق غەزىۋىنى قوزغاپ قويىدۇ؛ چۈنكى ھېچقانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ھە دىسىلا ئۆزىنىڭ ئىلگىركى خاتالىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ.
   سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىمۇ سىزنىڭ يۈزىڭىزنى ئايايدىغان بولۇپ، ئۇ كونا خاماننى سورۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزنى ھاقارەتلەشنى ۋە ئۆزىنى ئىچى تار، ئاداۋەت ساقلايدىغان كۆرسىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ.
5. سىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ.
    بەزى ئەرلەر ئادەتتە قارىماققا ئايالىغا ناھايىتى سادىق، دۇنيادا ئايالىنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىدىغاندەك ھالەتتە كۆرۈنىدۇ؛ ئەمما جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن بولسا، ئەپتى-بەشرىنى ئاشكارىلاپ، ھەمىشە ئايالىنى باشقا ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ؛ مەسىلەن "سەن كىم،كىملەرگە قاراپ باققىن، ئۇ شۇنداق مۇلايىم ھەم ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئىكەن " دىگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرنى قوللىنىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ يېرىم قىلىدىغىنى، ئەمىلىيەتتە ئىرىنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرماسلىقى ۋە بىزار بولۇشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
    سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، سىلەر جىدەللىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، سىز ئۇنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئاڭ ياخشى بولۇپ ھىسابلىنىسىز. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بىر-بىرىنى تاللاپ تويلاشقان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار چىن كۆڭلىدىن قارشى تەرەپنى چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلىشى كىرەك؛ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، باشقا ئاياللار قارىماققا ھەر قانچە ياخشى كۆرۈنسىمۇ، پەقەت سىزنىڭلا ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىپ يەتكەن بولىدۇ.
6. قۇرۇق داۋالى سۆزلىمەيدۇ.
    ئاياللار تۇغۇلما ھىسياتچان كىلىدىغان بولۇپ مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ھىس-تۇيغۇسىنى ئاساس قىلىپ پوزۇتسىيە تۇتىدۇ؛ ئەمما ئەرلەر قېرىشقاندەك دەل بۇنىڭ ئەكسىچە كىلىدىغان بولۇپ، تۇغۇلما داۋلى سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ئەرلەر، ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندا بەزىدە چوقۇم توغرا-خاتاسىنى ئايرىماقچى ھەمدە ئۆزىنىڭ داۋالىسى ئارقىلىق ئايالىنى قايىل قىلماقچى بولىدۇ. ئائىلە ئەسلىدىنلا داۋلىنى ئەمەس، مىھرى-مۇھەببەتنى ئاساس قىلغان يەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىدەللەشكەن ۋاقىتتىكى ئاياللار ئاساسى جەھەتتىن ئەقلى-ھوشىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنى داۋلى سۆزلەپ قايىل قىلىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش.
    سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەر كىشى، سىلەر جىدەللىشىپ قالغاندا سىزگە يول قويىدۇ، ئاۋۋال سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋىلىشىڭىزنى ساقلىغاندىن كىيىن، ئاندىن سىز بىلەن چىرايلىق گەپلىشىدۇ. بەزىدە ئاياللارنىڭ يولسىزلىقى پەقەت مۇھەببەتنىڭ بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئىرىنىڭ ئۆزىگە يول قويۇشىنى، ئۆزىنى بەزلەپ پەپىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببەتنىڭ ھازىرمۇ بار ئىكەنلىكىنى ياكى يوق بولغانلىغىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号