ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
137 يىل مابەينىدە تۇنجى قىز بوۋاق تۇغۇلغان جەمەت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-31 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامىرىكا جەنۇبى كالورىنا شىتاتىدىكى بىر جەمەتتە، 137 يىل مابەينىدىكى تۇنجى قىز بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك پۈتكۈل جەمەت ئەزالىرى خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمگەن. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولغىنى، بۇ قىز بوۋاقنىڭ دادىسىنىڭ خىزمەتدېشى، ھەتتا بۇ دادا ئۈچۈن چوڭ يول بويىدىكى ئېلان تاختىسغا ئېلان بىرىپ، ئۇنى ناھايىتى يۇقىرى ماقامدا تەبرىكلىگەن.
    بۇ قىز بوۋاق كارتىر، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ۋىل. سېتتىر بۇيىل 38 ياش، ئانىسى كېلىن.سېتتىر بولسا بۇ يىل 35 ياش ئىكەن. كارتىر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، ۋىل بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، ئەمما بۇ ئوغۇل ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى تۇغقان بالا ئىدى؛ ھازىرقى ئايالى كارتىرغا ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ۋىل ئۇنىمۇ ئوغۇل تۇغىدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنىڭ قىز بوۋاق تۇغىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.
    ۋىل بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىر جەنۇبى كالورىنا شىتاتىدىكى بىرافتوندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى كارتىرنىڭ تۇغۇلۇشى، سېتتىر جەمەتىدىكى 100 يىلدىن ئاشقان "ئوغۇل بوۋاق ئەپسۇنىنى" بۇزۇپ تاشلىغان؛ پۈتۈن سېتتىر جەمەتىدىكى كىشىلەر بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن خۇشاللىقتىن ھەيران قېلىشقان.
     سېتتىر جەمەتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قىز بوۋاققا كارتىر دەپ ئىسىم قويۇشتىكى سەۋەپ، ئۇلار "ھەر كۈنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان، ئەمما ھەقىقى كۈچلۈكلۈك سىموۋوللىقىغا ئىگە" ئىسىم قويۇش مەقسىتىدە، كارتىر(Carter) دىگەن بۇ ئىسىمنى ئويلاپ تاپقان ئىكەن.  ئەمما ۋىل بولسا، قىزىغا كارتىر دەپ ئىسم قويغاندا، ئۇ ئوغۇل بالىلارغا ئوخشاش بەستلىك بولالايدىكەن ھەم شۇندىلا جەمەتىدىكى بىر توپ ئەر كىشىلەر بىلەن سىڭىشىپ كىتەلەيدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号