ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇلاشما تەنلىك ئاكا-ئۇكا، ئۇلاشما تەنلىك ئاچا-سىڭىلغا ئۆيلەندى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يۇقارقى تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن، كۆپچىلىك چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپ ئۇلاشما تەنلىك تۇرسا، ئۇلار قانداق بالىلىق بولالايدۇ؟ بالىلىق بولغان تەقدىردىمۇ بالىسى قانداق شەكىلدە تۇغۇلىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ!
    يۇقىردىكى رەسىمدىكى ئۇلاشما تەنلىك ئاچا-سىڭىل گىرمانىيىلىك بولۇپ، ئىسمى مارشا. ئۇلارنىڭ ئانىسى ئۇلارنى تۇغقان ۋاقىتتىلا، بۇ ئىككەيلەن شۇنداق ئۇلاشما تەن ھالىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە بىر پۇتنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشدىن ئەنسىرەپ، ئادەتتە ئاساسى جەھەتتىن سىرتلارغا چىقمايدۇ. ئۇلار ئىزچىل تۈردە ئۆيىدىن چىقماي تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۆز ئالدىغا يانفون ياكى كومپىيوتىر ئوينايدۇ؛ كىيىنچە ئۇلار توردا بۇ بىرلەشمە تەنلىك ئاكا-ئۇكىلار بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى.
    ئۇلاشما تەنلىك بۇ ئاكا-ئۇكىلار كانادادىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەچمىشىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارمۇ مۈرىسى تۇتاش بولغان ئۇلاشما تەنلىك ئاكا-ئۇكىلاردۇر. ئۇلارمۇ سىرتلارغا چىقىپ قالسا، باشقىلار ئۇلارنى ئورىۋىلىپ، ئۇلارغا غەلىتە نەزەردە قارايدىغان ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشىدىغان بولغاچقا، ئۇلارمۇ ئادەتتە ئاساسەن دىگۈدەك سىرتلارغا چىقمايدىكەن. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۇ ئاكا-ئۇكىلار مېيىپلار تورىغا چىقىش جەريانىدا، ئۆزلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئۇلاشما تەنلىك ئاچا-سىڭىل مارشا بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان؛ ئۇلار ئىزچىل تۈردە توردا پاراڭلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئورتاق پاراڭ تىمىلىرىمۇ كۆپ بولغاچقا، ئۇلار تۇنۇشۇپ يېرىم يىلغا بارمايلا توي قىلغان.
   ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن بەخىتلىك ھالدا بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەمدە مارشامۇ ھامىلدار بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇلار مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بالىسىنى كۈتىۋىلىشقا تەييار بولغان ۋاقىتتا، ئەسلىدە خۇشال قىلارلىق بولۇشقا تىگىشلىك ئىش، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇلارغا ئۈمىدسىزلىنىش ۋە تەشۋىشلىنىش ئېلىپ كەلگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ ئۇلاشما تەن تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككى بالىنىڭ قورسىقى بىر-بىرىگە تۇتاش ھالەتتە تۇغۇلغان ئىدى.
    ئەر-خوتۇنلار بالىسىنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە چۆمدى ۋە ئىنتايىن بەك ئازاپلاندى. چۈنكى ئۇلار بالىسىنىڭمۇ، كىيىنچە ئۆزلىرىگە ئوخشاش باشقىلار مەسخىرسىگە ۋە كەمسىتىشىگە قالىدىغان تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن ئىدى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号