ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يارامسىز كىشىلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مەغلۇبىيەتچىلەر—ئۆزىنىدىكى بەزىبىر ناچار ئادەتلەر ياكى تەپەككۇر ئۇسۇلى سەۋەپلىك، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. بىزنىڭ تۆۋەندە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغىنىمىز، يارامسىز كىشىلەردە بولىدىغان 10 تۈرلۈك ھالەت بولۇپ، ئەگەر بىزدە بار بولسا ئۆزگەرتىشىمىز، يوق بولسا ساقلىنىشىمىز لازىم؛ بۇنىڭ تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇپ يىتىلىشىمىزگە پايدىسى بولىدۇ.
1. ئىككىلىنىپ قېلىش
    قاراملىق قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ناچار بولغىنى، ئىككىلىنىپ قېلىشتۇر. بىز ئادەتتە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشىمىز سەۋەپلىك كەتكۈزۈپ قويۇپ، ئاخىرىغا بارغاندا ھەتتا مەغلۇپ بولۇش سالاھىيىتىمىزمۇ بولمايدۇ، پەقەت پۇشايمان قىلىپلا ئولتۇرىمىز. كەسكىن بولمىغان، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان كىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى تەسكە توختايدۇ.
2. سۆرەلمىلىك قىلىش
    پىلانلار ناھايىتى مۇكەممەل بولغىنى بىلەن، ئۇنى ئىجرا قىلىش ناھايىتى ئەمىلىيەتچان كىلىدۇ. كۈندىلىك تەرتىپكە چىقىرىلغان نۇرغۇن ئىشلار، بىزنىڭ سۆرەلمىلىك قىلىشىمىز سەۋەپلىك، توختىماستىن كەينىگە سۈرۈلۈپ، ئاخىرىدا ۋاز كىچىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. سۆرەلمىلىك مۇۋەپپىقىيەت يولىدىكى زەھەرلىك ئۆسمە، ھەر بىر يارامسىز كىشىلەردە بار بولغان ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك.
3. ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق
    ھەممە ئادەمدە ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق بار بولۇپ، دۇنيادىكى %80 مەغلۇبىيەت يېرىم يولدا توختاپ قالغانلىقتىن كىلىدۇ. يارامسىز كىشىلەر كۆپىنچە باشلىنىشتا قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا ئاغرىنىپ ۋايساشقا باشلايدۇ؛ قىزغىنلىق بارغانسىرى يوقاپ، چىكىنىپ چىقماقچى بولىدۇ.
4. رەت قىلىنىشتىن قورقۇش
    نۇرغۇن كىشىلەر " يۈزىنى " بەك ئاۋايلاپ، باشقىلارنىڭ رەت قىلىشىدىن قورقۇپ، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. رەت قىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولمايدۇ، ئەمما رەت قىلىنىشنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كىرەك. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن، سىزنىڭ " يۈز-ئابرويىڭىز" ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
5. ئۆزىگە چەك بىكىتۋىلىش
    ئۆزىگە چەك بىكىتىش ۋە ئۆزىدىن گۇمانلىنىش، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. يارامسىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە " مەن قىلالامدىم؟ " دەپ سۇئال قويۇپ باققان؛ بۇنىڭدا كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر نەچچە قېتىم ئويلانغاندىن كىيىن ، " يەنىلا بولدى قىلايچۇ" دىگەن جاۋابنى بىرىدۇ.
6. رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش
    ئۇخلىغاندا تالاي يوللارنى ئويلاپ، ئويغانغاندا يەنىلا ئەسلى يولىدا مېڭىش. كۆپ قىسىم مەغلۇبىيەتچىلەر ھەممىسى تىپىك كەلگەن ئوخلىماي چۈش كۆرىدىغانلار. ئۇلار ھەمىشە قانداق قىلغاندا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغىنىنى، مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن قانداق نام-ئاتاق ۋە شان-شەرەپلەرگە ئىرىشىدىغىنىنى قۇرۇق خىيال قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ھېچقانداق نەتىجە يارىتالمايدۇ.
7. ھەمىشە باھانە-سەۋەب ئىزدەش
     "ئۇ مىنىڭ خاتلىقىم ئەمەس، ھەممىسى ئۇنىڭ خاتالىقى...."؛ " خاتالىق مەندە ئەمەس" دىگەندەك سۆز-ئىبارىلەر، بارلىق مەغلۇبىيەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان باھانە سەۋەب. ئوبىكتىپ سەۋەبلەربى تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى يۇشۇرۇش، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى باھانىدۇر.
8. جۈرئەتسىز كىلىش
     ناھايىتى كەسكىن بولغان بازار رىقابىتىدە، تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە كىشىلەر نەچچە قېتىم مەغلۇپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەمىشە قورقۇنچنى يىڭىدۇ. يارامسىز كىشىلەر باشلانماستىلا قورقۇنچ تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ.
9. باتناش
    " بۇنداق بولۇپ قالغاندىن كىيىن، بولدى قىلايلى بولدى"، بۇ تىپىك بولغان باتناش پىسخكىسى بۇلۇپ، نۇرغۇن مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشلارنى تۆمۈرنى ئۇپرىتىپ يىڭنىگە ئايلاندۇرىدىغان روھ بولغاندىلا، ئاندىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىغىنى بىلمەيدۇ؛ يارامسىز كىشىلەر كۆپىنچە مۇددەتتىن بورۇن ۋاز كىچىدۇ.
10. ئۆگىنىشنى خالىماسلىق
    بەزىدە ئۆگىنەلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ؛ بۇ خىل ھالەتتە ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، قىزىقىشىنى يوقىتىپ، بىر خىلدىكى تۇرۇمۇشقا كۆنۈپ قالىدۇ. يىڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان ئادەم، ناھايىتى يول مېڭىشنى بىلىدىغان قۇرۇق جازىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھامىنى جەمىئىيەت تەرپىدىن شاللىۋىتىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号