ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قانداق ئەرلەر مۇناسىۋەت باغلاشقا ئەرزىيدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-26 كۆرۈلىشى : قېتىم

    يول  قويۇشنى  بىلىدىغان  ئەرلەر، ئارلىشىشقا ئەرزىيدىغان ئەرلەردۇر. ئەگەر  بىر  ئەر  كىشى تۇققانلىرىغا،  دوستلىرىغا،  ئاياللارغا ۋە ياكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا يول  قويۇشنى  بىلمىسە،  ئۇنداقتا بۇ  ئەر  كىشى  ئىچى  تار،  ئىقتىدارسىز كىلىدۇ؛ ئۇلار  مۇناسىۋەت  باغلاشقا ئەرزىمەيدىغانلاردىن بۇلۇپ  ھىسابلىنىدۇ.
    ئەرلەر نىڭ چوڭ  بولمىغىنىنڭ  ئەڭ  مۇھىم  ئىپادىسى : ئۆز  ئادەملىرى  بىلەن،  سۆيگىنى  بىلەن،  بەزىبىر  كارى  چاغلىق  ئىشلار ئۈستىدە تالىشىپ،  يىڭىش-يىڭىلىشنى سۆزلەپ  ئولتۇرۇشتۇر.
   قارىماققا  يۈز ئابرويىنى بەكمۇ  ئاۋايلايدىغان  ئەرلەر،  ئەمىلىيەتتە ئىچكى  دۇنياسى ئۆزىگە  ئىشەنمەسلىك  ۋە ئەنسىرەشكە  تولغان بۇلىدۇ؛ يالغاندىن ئەزىمەتلەردەك  بولىۋالىدىغان، ئەزەلدىن  خاتالىغىنى تۇنۇمايدىغان ۋە  يول  قويۇشنى  بىلمەيدىغان ئەرلەر  بولسا،  ئۇلارنىڭ ئىچكى  دۇنياسى ئادەتتە ئىنتايىن  تار  كەلگەن،  ھەسەتكە  تولغان بۇلىدۇ،  قۇياش  نۇرىمۇ ئۇلارنىڭ  قەلبىنى  يۇرىتالمايدۇ.
   پىشىپ  يىتىلگەن  ئەرلەر  قانداق  بۇلىدۇ ؟ ئائىلىسىدىكىلەرگە، سۆيگۈنىگە  ناھايىتى مۇلايىم  كىلىدۇ،  مۇلايىملىغىدىن بالىلارغا،  ئاياللارغا  ئوخشاپ  قالىدۇ؛  سىرتقا  قارىتا،  قىيىنچىلىقلارغا  قارىتا ئازراقمۇ قورقۇنچىسى  بولمايدۇ؛ ھەر قانداق  مەسىلىنى  ئۆز  زىممىسىگە  ئالىىدىغان،  تەمكىن ۋە  سالماق  كىلىدۇ.
    ھە  دىسىلا تۇققانلىرى بىلەن  تالىشىپ،  قىلچىلىك  يول  قويمايدىغان،  ئېغىزدىكى  گەپ  سۆزدىمۇ يىڭىش  يىڭىلىشنى  تەكىتلەپ  تۇرۋالىدىغان ئەرلەرنىڭ سىرتتا  ھېچقانداق ئىشلارنى  ۋۇجۇدقا  كەلتۈرەلمەيدىغىنىنى  جەزىملەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ.
   ئاياللار  بىر  قەدەم  يول  قويسا،  ئەرلەر ئىككى قەدەم يول  قويۇشى كىرەك. مۇھەببەتنى  ھەقىقى  چۈشىنىدىغان بىر  كىشى،  يىڭىلىشكە  رازى  بۇلىدۇكى،  ئۆز تۇققانلىرى،  سۆيگىنى،  ھەتتا  دوستلىرىنىمۇ  يىڭىپ  چىقىشنى  خالىمايدۇ؛  چۈنكى ئۇلارنى  يىڭىپ  چىقىشنىڭ  ھېچبىر  ئەھمىيىتى يوقلۇغىنى ئۇلار  چۈشىنىدۇ.
   مۇنەۋۋەر  بىر  ئەر كىشى ئۆز  سۆيگىنىنىڭ  ئالدىدا، ئۆزىنىڭ  يامانلىغىنى  پەش  قىلىپ،  ئۇزۇن  قىسقىسىنى  تالىشىپ  ئولتۇرمايدۇ.
  مۇھەببەت —— ئۇ  مۇرەسسە قىلىش  ۋە  يول  قويۇشتۇر. يول  قويغانلىق چىكىنگەنلىك  ئەمەس،  بويسۇنغانلىقمۇ  ئەمەس،  ئۇ  بولسىمۇ باشقىلارنىڭ  ئوخشىمىغان پىكىر قاراشلىرىغا ھۆرمەت  قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىز  ياخشى  كۈرىدىغان،  سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن ھوقۇق ۋە  ھەيۋە  تالاشماڭ.
   قانداق  سۈيۈشنى ۋە  يول  قويۇشنى  بىلىدىغان  ئەرلەر، مۇناسىۋەت  باغلاشقا  ھەممىدىن  بەك  ئەرزىدىغان  ئەر كىشى  ھىسابلىنىدۇ.  بۇنداق  ئەرلەرنى  ئۇچرىتىپ  قېلىشىڭىز  سىزنىڭ  تەلىيىڭىز شۇنداقلا  ئۆمۈرلۈك  بەختىڭىز  ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号