ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆز قىزى بىلەن ئەر تالىشىپ، ھۆسىن تۈزەش قىلغۇزغان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر ھۆسىن تۈزەش ساھەسى بارغانسىرى تەرەققى قىلىپ كەتتى، بولۇپمۇ كورىيە بىلەن ياپونيە ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىنىكىسى ئىنتايىن بەك تەرەققى قىلغان بولۇپ، سىز ھەرقانچە كۆرۈمسىز بولسىڭىزمۇ، ئۇلار سىزنى چىرايلىق "ئايال ئىلاھ"قا ئايلاندۇرۋىتەلەيدۇ.
    ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ھۆسىن تۈزەش ھەيراق قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس، ناھايىتى شۇ ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇش ئارزۇسى خالاس؛ ئەمما بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ھۆسىن تۈزىشى روھى كىسەللىك سەۋەبىدىن بولىدىغان بولۇپ، يېقىندا دەل مۇشۇنداق پىسخىكىسى ساغلام بولمىغان، 52 ياشلىق بىر ئايال ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان.
    بۇ ئايال جىم تۇرالمايدىغان ئاياللاردىن بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا شوخ ھەم ئويۇنچى كەلگەن، ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغان ئايال ئىكەن. ئۇ ھازىر ياشىنىپ بىر يەرگە بارغاندىن كىيىن، ئىلگىرىكى چىرايىدىن قېلىپ قالغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بويان ساراڭلارچە ھۆسىن تۈزەتكەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىليۇن 700مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن.
    بۇ ئايال خەجلىگەن پۇللىرىنىڭ ھەر ھالدا ئۈنۈمىنى كۆرگەن بولۇپ، ھۆسىن تۈزەش قىلغاندىن كىيىن كۆرنەرلىك دەرىجىدە ياشلىق ھالىتىگە قايتقان. بىراق ئۇنىڭ ھۆسىن تۈزەش قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا، قىزىنىڭ ئوغۇل دوستىنى "كەلتۈرۋىلىش" ئىكەن.  ئەسلىدە بۇ ئانا، قىزىنىڭ ئوغۇل دوستىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ كەلگۈسىدىكى كۈيئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، ئۇ ئاندىن بۇ بىر نەچچە يىللىق ھۆسىن تۈزەش ئۇزۇن مۇساپىسىنى باشلىغان ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号