ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىز كۆرگەن ئەڭ ياخشى ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتى قانداق بۇلىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مىنىڭ  ئاپام  ئوقۇتقۇچى، ئۇ  ياش  ۋاقتىدىكى  دەۋردە زىيالى  ياش  ھىسابلىناتتى؛  دادام  بولسا  ئىشچى،  بۇ سەۋەپلىك دادام  بىلەن  ئاپامنىڭ  بىرگە  بولمىقى  ناھايىتى  تەسكە  توختىغان  ئىكەن؛ چۈنكى  ئانامنىڭ  ئۆيىدىكىلىرى،  دادامنىڭ  ئۆيىدىكىلىرىنى  ياراتمايدىكەن؛  ئانامنىڭ  ئېيتىپ  بىرىشىچە،   مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، ئانامنىڭ ئۆيىدىكىلەرھەتتا ئانامنىڭ  ئۆيگە  قايتىشىغىمۇ يول  قويمىغان .
    ئىسىمدە  قېلىشىچە،  ئانام  كىتاب  ژورنال  كۈرۈشنى  ياخشى  كۈرۈدىغان زىيالى  ئىدى،  ھەر كۈنى  كەچتىكى  مەملىكەت  خەۋەرلىرىنى  قالدۇرماي  كۆرەتتى. دادام  بولسا،  تۇلۇقسىز  ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا زاۋۇت  ئىشچىسى  بولغان، ئۇ  ياغاچ  بۇيۇملارنى  ياخشى  كۈرىدۇ.  كەچلىرى  ئاپام  بىرتەرەپتىن  خەۋەر  كۆرگەچ،  بىرتەرەپتىن  ئالغان  تەسىراتلىرى  ۋە ھىس  قىلغان ئويىنى  ماڭا  سۆزلەپ  بىرەتتى؛ دادام  بىر  ياندا چېرتىيوژغا  قارىغاچ،  ماڭا  بىر  يېزىق  ئۈستىلى ياساپ  بىرىش  ئۈچۈن  بوۋامنىڭ  ئۆيىدىكى قانچىلىك  توملۇقتىكى  دەرەخنى  كىسىش  لازىم  بولىدىغانلىقى ھەققىدە  ئويلىشاتتى .
    دادام بىلەن ئاپام  ھەر  ئىككەيلەن  جەنۇبلۇق؛ ئەمما  ئەجەبلىنەرلىك  يىرى  شۇكى،  ئاپام  ئۇن  تامىغى  يىيىشكە  ئامراق؛ باشقىلارنىڭ  ئۆيىدە  كۈندە  گۈرۈچ  تامىغى  يىسە،  بىزنىڭ  ئۆيدە ھەر كۈنلىگى  ئۇن  تامىغى  يەيتتۇق.  بىر  قېتىم  دادام  بۇنىڭغا  قارىتا  نارازى  بۇلۇۋىدى،  ئۈنۈمى  كۆرنەرلىك  بۇلۇپ، ئۆيىمىزدە  قايتا ئۇن  تامىغى  ئىتىلمىدى؛  ئۇزۇن  ئۆتمەي  دادام  قەيەردىن  ئۆگىنىۋالدىكى  بىلەلمىدىم،  ئۇن  تامىغى  قىلىشنى  ئۆگىنىۋالدى،  ھەتتا  خېمىر  يۇغۇرۇش  ماشىنىسىدىن  بىرنى  سېتىۋالدى دە،  كۈنبويى  ئۇن تامىغى  يىيىش  يەنە باشلاندى .
    ئاپام  يوق  ۋاقىتتا  مەن  ئاستاغىنا  دادامدىن " سەنمۇ  ئۇن  تامىغى يىيىشنى  ياقتۇرمايتتىڭغۇ " دەپ  سورىسام،  ئۇ  ماڭا " سەن  دىققەت  قىلمىدىڭمۇ؟ گۈرۈچ  تامىقى  ئەتسەك ئاناڭ  ئاران  يېرىم  پىيالە  يەيدۇ،  ئەمما  ئۇن تامىغى  ئەتسەك ئۇ  بىر چوڭ  چىنە تاماقنى يەپ  بۇلىدۇ " دەپ  جاۋاب قايتۇردى .
    مەن  تۇلۇق  ئوتتۇرىنىڭ  بىرىنچى  يىللىقىدا  ئوقۇۋاتقان  مەزگىلدە،  ئاپام ئۆلكىمىزدىكى  مەركىزى  شەھەرگە يېرىم  يىللىق  بىلىم ئاشۇرۇشقا  بارىدىغان  بۇلۇپ  قالدى؛  بۇ ئىشقا  مومام  قارشى  چىقتى،  ئۇ   دادامنى  يانغا  تارتىپ،  ئاستاغىنە " سەن ئۇنى  بارغىلى  قويما،  ئۇنىڭ  كىلىپ  چىقىشى سىنىڭكىدىن ياخشى، سەندىن  مەدىنىيەتلىك،  ئۆزىمۇ  چىرايلىق،  چوڭ  شەھەرلەر دىگەندە  قىزىقتۇرۇشلار  كۆپ  بۇلىدۇ ……" دەپ  قۇتراتقۇلۇق  قىلغىنىدا،  دادام " سەن  خاتىرجەم  بول،  ئۇنىڭ  قانداق  ئادەم  ئىكەنلىگىنى  مەن  سەندىن  ئوبدان  بىلىمەن " دەپ  ئاددىلا  جاۋاب  قايتۇردى .
    بوۋام  ئاپامنى  ياقتۇرمايتتى.  ئاپام  مىجەزى  ئۇچۇق،  ياسىنىپ  يۈرۈشنى  ياخشى  كۈرىدىغان ئايال  بۇلۇپ،  بەزىدە  زۈرۈر بولمىغان زىننەت  بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىپ ئۆينى  زىننەتلەشنى  ياخشى  كۆرەتتى؛  بوۋام  بولسا  بۇنى  ئىسراپچىلىق  قىلغانلىق دەپ  قارايتتى .
    ئالى مەكتەپنىڭ  ئۈچىنچى  يىللىقىدا  ئوقۇۋاتقان  مەزگىل؛  ئەزەلدىن  ماڭا  شۇم  خەۋەر  داتلىمايدىغان  ئاپام،  تۇيۇقسىز  ماڭا  تېلفون  قىلىپ،  يىغلامسىرغىنىچە، داۋاملىق  كۈن  ئۆتكۈزۈشكە  ئامالسىز  قالغانلىغىنى،  بوۋامنىڭ  دادام  ئاپام  ئىككەيلەننى  ئاجرىشىپ  كىتىسىلەر  دەپ قىستاۋاتقىنىنى ئېيتتى.  مەن  مەكتەپتىن  رۇخسەت  سوراپ ئۆيگە  قايتىپ  كەلگىنىمدە،  دادامنىڭ بانكا دەپتىرىنى ۋاراقلاپ  ئولتۇرغىنىنى،  يېنىدا يەنە قەلەم،  قەغەز،  ھىسابلاش  ماشىنىسى  قاتارلىقلارنىڭ  تۇرغىنىنى  كۆردۈم .
   مەن دادامدىن  نىمە  ئىش  بولغىنىنى سورىدىم؛  ئۇ  بېشىنىمۇ  كۆتۈرمەي  تۇرۇپ  ئېيتتى : "بوۋاڭ بىزنىڭ ئۆيگە  ئازراق  پۇل چىقىرىشىپ  بەرگەن،  ئۆزى  پۇل  چىقارغان  ئۆيدە  ئاپاڭنى  تۇرغۇزمايمەن  دەۋاتىدۇ؛  مەن  ئۆيدە  نەچچە پۇل  بارلىغىنى  ھىسابلاۋاتىمەن،  بوۋاڭنىڭ  پۇلىنى  ئۇنىڭغا  قايتۇرۇپ  بەرمەكچى " .
   مەن  دادامدىن  ئۇلارنىڭ  ئاجرىشىپ  كىتىدىغان،  كەتمەيدىغانلىغىنى سورىغىنىمدا،  ئەزەلدىن  قوپال  گەپ  قىلمايدىغان دادام  ماڭا ھۆمىيىپ  تۇرۇپ،  " نىمىگە ئاجرىشىدۇ؟ " دەپ  ۋاقىردى .
   روژدىستوۋو بايرىمىلىق  دەم  ئېلىشتا دۆلەتكە قايتىپ،  دادامنىڭ ئورۇندۇقتا  ئولتۇرۇپ  ئاپتاپقا  قاقلىنىۋاتقانلىغىنى،  ئۇرۇقلاپ  ياغاچتەك  بۇلۇپ  قالغانلىغىنى  كۈرۈپ،  ئەنسىرەپ  كەتتىم؛ كىيىن  سورىغاندىن  كىيىن،  ئۇنىڭ  ئارلىقتا  كىسەل  بۇلۇپ  قېلىپ  ساقىيالماي  قالغىلى  قىل  قالغىنىنى بىلدىم.  مەن  " تەڭرىگە  رەھمەت،  ھەر نىمە  بولسا  ساقىيىپسەن " دىسەم،  دادام " بۇنىڭ  تەڭرى  بىلەن  نىمە  ئىشى؟ ئاپاڭغا  رەھمەت  ئېيتساڭ  بۇلىدۇ " دەپ  جاۋاب  قىلدى .
   دادام  ئېغىر  كىسەل  بۇلۇپ  يېتىپ  قالغان مەزگىلىدە،  ئاپام  ئۇنىڭ  قېشىدىن  كەتمەي ھالىدىن  خەۋەر ئاپتۇ؛  مەكتەپ ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىل  رۇخسەت سورىشىغا قوشۇلماي، ئۇنى  ئىشتىن   ھەيدەيمىز  دىگەندە،  ئاپام " ئىشتىن  ھەيدىسە ھەيدەۋەرسۇن،  خىزمەت  دىگەن  كۆپ،  ئەمما  ئىرىم  ئاران  بىرلا " دەپ  جاۋاب  قىلغان .
    مەن  بۇ  ئىشلارنى  ئاڭلاپ ناھايىتى  تەسىرلەندىم،  لىكىن ئاپام  چاقچاققا  ئايلاندۇرۇپ، مىنىڭ  تويۇمغا  تەييار  قىلغان  پۇللارنىمۇ ئىشلىتىۋەتكەنلىگىنى  ئېيتتى؛  ئاپام  ئاشخانىغا تاماق  ئۇسقىلى  كىرىپ  كەتكەندە،  دادامنىڭ  كۆزلىرىدىن " كۆردۈڭمۇ؟ خوتۇن  ئالساڭ، مانا مۇشۇنداق  خوتۇن  ئالغۇلۇق " دىگەندەك  كۆرەڭلىك  چىقىپ  تۇراتتى .
    مەن  توي  قىلغاندىن  كىيىن،  ئايالىمنى  ئېلىپ  تۇنجى  قېتىم  ئۆيگە  تاماققا  كەلدۇق؛  تاماقتىن كىيىن دادام مىنى  ياتاق ئۆيگە  چاقىرىپ،  ناھايىتى كەسكىن  ھالدا،  ماڭا " ئايالىڭغا مەن  ئاپاڭغا  مۇئامىلە  قىلغاندەك  ياخشى  مۇئامىلە  قىل،  بىلدىڭمۇ؟ " دىدى؛  ئاپام  بولسا  مىھمانخانىدا " خاتىرجەم  بۇلۇڭ،  ئىرىڭىزنىڭ مىجەزى  دادىسىنى تارتقان،  سىزگە  چوقۇم  ياخشى  مۇئامىلە  قىلىدۇ " دەپ مىنى  ماختاپ  بىرىۋاتاتتى .
    دادام  ئاپامنىڭ مۇناسىۋىتىدىن،  مەن  ئائىلە  مۇناسىۋىتىدە  ئەر  ئاياللار  مۇناسىۋىتىنىڭ  بىرىنچى  ئورۇندا  تۇرىدىغانلىغى؛  ئەر  ئاياللار ئۆز ئارا  بىر بىرىگە يول  قويۇشى،  ئۆز ئارا  چۈشىنىشى،  ئۆز  ئارا  كۈيۈنىشى،  ئۆز ئارا ئىشىنىشى،  شۇنداقلا ئۆز ئارا  بىر بىرىنى يۆلەپ  قوللىشى  كىرەكلىكىنى چۈشىنىپ  يەتتىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号