ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تاشقا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بالا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-23 كۆرۈلىشى : قېتىم

   بۇ رەسىمدىكى ئوغۇل، بېنگالدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان 9 ياشلىق بىر بالا. ئۇ تۇغۇلۇپ 12 كۈن بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بەدىنىگە يىنىك دەرىجىدىكى تىرە تەمرەتكىسى پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان. بىراق ئۇ ۋاقىتتا، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ سۇلۇق قاپارتمىلارنى پاشا چېقىۋالغان ئورۇن ئورۇنغا ئوخشىتىپ ئىتىبار بىلەن قارىمىغان؛ ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، سۇلۇق قاپارتما ئۇنىڭ تاپىنىدىن قورساق قىسمىغىچە تارىلىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە بالىنىڭ بارماق، كۆكرەك ۋە دۈمچە قسىمدىكى تىرىلىرى قېلىن ھەمدە قاتتىق بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن.
    كىيىن بالىنىڭ دادىسى ئۇنى دوختۇرغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرلارمۇ بۇنىڭ قانداق كىسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان؛ نۇرغۇن جايلاردىكى دوختۇرلارنى ئىزدەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئىرىشكەن جاۋاپ ئوخشاش بولغان.
   بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بۇنىڭلىق بىلەن كۆڭلىنى سۇۋۇتۇپ قويماي، دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان دورىنى ئىشلىتىپ بالىسىنى داۋالاپ سىناپ كۆرۈشكە ئۇرۇنغان. ئەمما ئۇلار مەيلى قانداق دورىلارنى ئىشلەتمىسۇن، بالىسىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ بارغانسىرى ئېغىرلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
   بولۇپمۇ بالىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى بارغانسىرى قاتتىق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ پۇت قوللىرىدا يېغىلىپ قالغان تىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەمنى قورقۇتقۇدەك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن؛ بۇ غەلىتە كىسەللىك بالىنىڭ نورمال يول ماڭالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالا ئامالسىز ھەر كۈنى ئۇزۇن ۋاقىت ئورۇندۇقتىلار ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
    تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى، بۇ قېلىن ھەم ئېغىر كەلگەن تاشتەك تىرىلىرى، بالىنىڭ بەدىنىنىڭ چىدىغۇسىز قىچىشىتۇرۋىتەتتى، ئەمما قىچشقان يەرنى تاتىلاپ قىچىشىشنى پەسەيتىشكە ئامال يوق ئىدى. بالىنىڭ كىسىلى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەر بالا ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئىرىشەلمىسە، ئۇ ئاخىرى بېرىپ راستىنلا ھېچيەرگە مىدىرلىيالمايدىغان "تاش" قا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
   بۇ بالىنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ سۈرىتى بولۇپ، كىسەلنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىدىن، ئۇ يول مېڭىشقىمۇ ئامالسىز قالغان ئىدى. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ دۈشكەللەشلىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئاخىرى ئامالسىز، ئۇنى مەكتەپتىن ياندۇرۋالدى.
   كىيىن، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىساد قىلىپ پۇل توپلاپ، بارلىق يېغقان پۇلى ۋە كىرىمىنى ئېلىپ بالىنى دوختۇرخانىغا داۋالىتىش ئۈچۈن ئېلىپ باردى. ئۈستىدىكى رەسىم بالىنىڭ داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنكى ھالىتى بولۇپ، قوللىرىنىڭ تىرىسى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلىنىشقا باشلىغان، چىرايىدىمۇ ئەسلىدىكى ئاق رەڭلىك تىرىلىرى ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغان.
   ھازىر بالا بەزىبىر كىچىك ئويۇنچۇقلارنى ئويناپ قىلالايدۇ ھەمدە ئاستاغىنە نەچچە مىتىر ئارىلىققىچە ماڭالايدۇ؛ ئاتا-ئانىسى بالىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىمۇ ئازراق ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى. بىراق دوختۇر بىلدۈرگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بالىنىڭ كىسىلى بىر خىل ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان تىرە كىسەللىكى بولۇپ، يەر شارىدا بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئونغىمۇ يەتمەيدىكەن؛ دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى پەقەت ۋاقىتلىق مەسىلە بولۇپ، ئۇ بالىنى تېخى داۋالاپ ساقايتقان ئەمەس ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号