ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قەلىبلەر ئارىسىدىكى ئارلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-23 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ناھايىتى  بىلىملىك  كەلگەن  بىر  پىروففىسور بار بۇلۇپ،  بىر  كۈنى  ئۇ  ئوقۇغۇچىلىرىدىن كىشىلەر  ئاچچىقلانغان  ۋاقىتتا،  نىمە  ئۈچۈن ۋاقىراپ  سۆزلەيدىغىنىنى  سوراپتۇ. بۇ  مەسىلىگە  قارىتا  ئوقۇغۇچىلار كۆپ  ئويلىنىپ،  ئارىدىن  بىرسى  مۇنداق  جاۋاب  بىرىپتۇ: " چۈنكى ھەممە  ئادەم  ئاچچىقلانغان  ۋاقىتتا "سۇغۇققانلىقىنى  يوقاتقان  بۇلىدۇ،  شۇڭلاشقا  ۋاقىراپ  سۆزلەيدۇ. "
    پىروففىسور  قايتۇرۇپ  سوراپتۇ: " سىز  ئاچچىقلانغان  ۋاقتىڭىزدا باشقىلار  يېنىڭىزدا  تۇرسىمۇ، سىز  يەنىلا  ۋاقىراپ  سۆزلەيسىز، پەس  ئاۋازدا سۆزلىسىڭىز  بولمامدۇ ؟ نىمە  ئۈچۈن ھەمىشە  ۋاقىراپ سۆزلەيسىز ؟ "
   ئوقۇغۇچىلار  تاغدىن  باغدىن نۇرغۇن  جاۋابلارنى قايتۇرغان  بولسىمۇ،  پىروففىسورنى قانائەتلەندۈرەلمەپتۇ . ئاخىردا پىروففىسور  ئۆزى  بۇ  مەسىلىگە  مۇنداق  چۈشەنچە  بىرىپتۇ : " ئىككى  كىشى  ئاچچىقلىشىپ  قالغاندا ،  ئۇلارنىڭ  قەلىب  ئارلىقلىرى ئىنتايىن  يېراق  بۇلىدۇ؛ ئۇلار  قەلىب  ئارلىقلىرىنى  كىسىپ  ئۆتۈپ، قارشى  تەرەپكە  ئاڭلىتىش  ئۈچۈن،  چوقۇم  ۋاقىراپ  سۆزلىشى  كىرەك؛  ئەمما  ۋاقىراپ  سۆزلەش  تېخىمۇ  ئاچچىقلىنىشنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ؛ بۇنىڭدا ئىككەيلەننىڭ قەلىب  ئارلىقى تېخىمۇ  يېراقلايدۇ،  قارشى  تەرەپكە  ئاڭلىتىش  ئۈچۈن تېخىمۇ  ۋاقىراپ  سۆزلەشكە  توغرا  كىلىدۇ …… "
   يۇقارقىلاردىن  كىيىن  پىروففىسور  ئۇلاپلا  مۇنداق  دىگەن: "ئىككى  ئادەم  مۇھەببەتلىشىۋاتقان  مەزگىلدە  قانداق  بۇلىدۇ؟ ئەھۋال  دەل ئەكسىچە  بۇلىدۇ،  ۋاقىراش كىرەك بولمايلا  قالماي،  ناھايىتى  پەس  ئاۋازدا  سۆزلىشىدۇ، نىمە  ئۈچۈن؟ چۈنكى  ئۇلارنىڭ  قەلىبلىرى  ئارىسىدىكى  ئارلىق  ناھايىتى يېقىن  بۇلىدۇ، ھەتتا  ئاساسەن  ئارلىق  يوق  دىيىشكە  بۇلىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇلار قولاققا  قولاقنى يېقىپ  سۆزلىگەندەك پەس  ئاۋازدا  سۆزلىشىدۇ. بۇنىڭدا  ئۇلارنىڭ  قەلىبلىرىدىكى  مۇھەببەت  تېخىمۇ  چوڭقۇرلىشىدۇ، كىيىنىگە  كەلگەندە  سۆزلەشمۇ  بىھاجەت  بولغان  ھالەتكە  يىتىدۇ؛ شۇڭلاشقا قىزىق  مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى  ئادەم  كۆزلىرى  ئارقىلىقمۇ  پىكىر  ئالماشتۇرالايدۇ،  ئۇۋاقىتتا  ئۇلارنىڭ  قەلىبلىرىدە ئاتالمىش كۆڭۈل  ئارلىقى  بولمايدۇ" .
   ئاخىرىدا  پىروففىسور  مۇنداق  يەكۈن  چىقارغان: ئىككى  ئادەم  ئاچچىقلىشىپ قالغاندا، قەلىبلىرىڭلار  ئارىسىدىكى  ئارلىقنى  تېخىمۇ يېراقلاپ  كىتىشىدىن  ساقلىنىڭلار،  ئارلىقنى  يېراقلاشتۇرۋىتىدىغان  سۆزلەرنى  قىلماڭلار؛ بىرئاز تۇرۋىلىپ ، ئارلىق ئازراق  يېقىنلاشقاندا،  ئاندىن ياخشىراق  پاراڭلىشىڭلار. ئىككى  ئادەم  ئاچچىقلىشىپ  قالغاندا، قەلىبلىرى  ئارىسىدىكى  ئارلىق  ئىنتايىن  يېراق  بۇلىدۇ؛  بۇ  ۋاقىتتا  سىز  ئۆزىڭىزنى  تۇتىۋىلىشىڭىز،  بۇخىل ھالەتتە ھەر قانداق  قارار  چىقارماسلىغىڭىز  كىرەك.
   بۇنىڭ  بىلەن  بىرگە،  باشقىلارنى  ئاسانلىقچە  ئەيىپلىمەسلىك  كىرەك؛ چۈنكى باشقىلارنىڭ  تۇرمۇشىدىكى  خوشاللىق ۋە  ھەسرەتلەرنى بىلىشكە،  ئۇلارنىڭ  تارتقان مۇشەققەت ۋە ئىرىشكەن ھالاۋەتلىرىنى ھەقىقى چۈشىنىپ  يىتشكە  بىز ئاجىزلىق قىلىمىز. ھەممە  كىشىنىڭ  ئۆز  مەيدانى  ۋە  تۇرغان مۇھىتى ئوخشاش  بولمىغان  سەۋەبلىك، قارشى تەرەپنڭ ھىسياتىنى ھەقىقى  چۈشىنەلمەيدۇ . شۇڭلاشقا باشقىلارنى خالىغانچە ئەيىبلەپ  تەنقىد قىلماڭ،  بولمىسا  باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قويىىسىز.
   كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش،ئۇ سىرتقى يۈزدىكى  پىكىر  ئالماشتۇرۇش بۇلۇپلا  قالماي، يەنە  قەلىبلەر ئوتتۇرسىدىكى پىكىر  ئالماشتۇرۇشتۇر . كۆڭۈل  يېقىن  تۇرسا،  ھەممە  مەسىلىدە  پىكىر  بىردەكلىكىگە كىلىشكە بۇلىدۇ ؛ مەيلى  كىم  بىلەن  پىكىرلەشمەڭ،  كۆڭلىڭىزنى  قارشى  تەرپكە يېقىن  تۇرۇپ،  قەلبىڭىز  ئارقىلىق  پىكىرلىشىڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号