ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار ۋاز كىچىشكە تىگىشلىك ئۈچ خىل مۇھەببەت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە، ئاياللار بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇلار قارشى تەرەپنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇ خىل مۇھەببەت گەرچە ئادەمنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرسىمۇ، ئەمما بۇ يەنە بەلكىم ئاياللارنى خەتەرلىك ئەھۋاللارغا دۇچار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن؛ بولۇپمۇ ئەگەر ئاياللار ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، بۇ سەۋەپلىك ئۆمۈر بويى پۇشايمان، ئازاپ ۋە ھەسرەت ئىچىدە ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن.
    تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۇھەببەتتىن ئاياللار چوقۇم ۋاز كىچىشى كىرەك:
1. ئايال كىشى ئەر كىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مۇھەببەتتىن ئاياللار ۋاز كىچىشى كىرەك.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەر،ئاياللار مۇناسىۋىتىدە تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرىدىغان تەرەپ چوقۇم ئەر كىشى بولۇشى كىرەك ھەمدە ئەرلەر چوقۇم ئاياللاردىن كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرۈشى ۋە بەدەل تۆلىشى كىرەك. بۇنداق بولمىغاندا ئاياللار بۇ خىل ئەركىشىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلىگەن بەدەل تۆلەشنى خالايدىغان ئەر كىشىدىن بىر تېپىشى لازىم.
    بىر بۆلەك مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىشى، ئاياللارنىڭ بىر تەرەپلىمە بەدەل تۆلىشى ئاساسىغا قۇرۇلماسلىقى كىرەك؛ ئەسلىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك بولغان بىر ئەر كىشىنىڭ، ئاياللارنىڭ شەخسىيەتسىز بېغىشلىغان كۆڭۈل بۆلىشى ۋە مۇھەببىتىدىن شەخسىيەتچىلەرچە ھۇزۇرلىنىدىغان ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆرۈلمەسلىكى كىرەك. چۈنكى بۇنداق مۇھەببەت كۆپىنچە ئاياللارنىڭ بىر تەرەپلىمە مۇھەببەت بېغىشلىشى بولۇپ، ئەر كىشى ئايال كىشىنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە بۇ بىر بۆلەك مۇھەببەتنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش ئويىمۇ بولمايدۇ.
2. ئاياللار "نىكاھلىق ئەر" كىشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەھۋالدا، ئاياللار بۇنداق مۇھەببەتتىن ۋاز كىچىشى كىرەك.
    نۇرغۇنلىغان "ئۈچىنچى شەخىس" ئاتىلىپ قالغان ئاياللار، "نىكاھلىق ئەرلەر" تەرپىدىن قوغلىشىپ، كۆڭلىنى ئالدۇرۇپ قويغاندىن كىيىن، ئاندىن ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەن بولىدۇ. ئاياللار ئاق كۆڭۈللۈكىدىن ئەرلەرنىڭ ساختا سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قالىدىغان بولۇپ، ئاياللار بۇنداق بىر بۆلەك ھېچقانداق نەتىجىسى چىقمايدىغان مۇھەببەت ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ ئولتۇرماسلىقى كىرەك. ئاياللار ئۆزىنىڭ "نىكاھلىق ئەر" كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى، دەرھال بۇ بىر بۆلەك مۇھەببەتتىن ۋاز كىچىشتۇر.
    ئاياللار ئائىلىسى بار ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى كىرەك؛ چۈنكى بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئالداشتىكى بىر خىل ۋاستىسى بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە ئائىلىسىگە ۋاپا كەلمىگەن ئەر كىشىنىڭ، سىزگىمۇ ۋاپا قىلىپ كىتىشى ناتايىن.
3. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئۇنىڭ بىرەر ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان مۇھەببەتتىن ئاياللار ۋاز كىچىشى كىرەك.
    ئاياللار ئەگەر ئەرلەر ئىگە بولغان ئارتۇقچىلىق ياكى ئۇنىڭ بىرەر نەرسىسىنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بولسا، ئۇنداقتا ئاياللار بۇنداق مۇھەببەتتىن ئەڭ ياخشىسى ۋاز كىچىشى كىرەك. ئايال كىشى ئەگەر ئەركىشىنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيى ياكى ماشىنىسىنى دەپ ۋە ياكى ئۇنىڭ ھوقۇقىنى دەپ بۇ ئەر كىشىنى ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق مۇھەببەت پەقەت بىر خىل سودا ھىسابلىنىدۇ. ئاياللار ئەگەر قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ ئەر كىشى ئەسلىدىكى ئارتۇقچىلىقىنى يوقاتسا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ مۇنەۋۋەر بىر ئەركىشى كۆرۈلسە، ئايال كىشى ھامان ئۇ ئەركىشىدىن ئايرىلىپ كىتىدۇ.
    ئاياللار ماددى مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا قارشى تۇرالمىغان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئەر كىشىنى تاللاشتىكى ئۆلچىمى پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىشنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. بۇنداق مۇھەببەتنى ئاساس قىلمىغان مۇھەببەت، ئاخىرى بېرىپ ئايال كىشى ئەر كىشىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكتىن، ئەر كىشىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندىن، ئايال كىشىنىڭ بالدۇرلا ئۆزىنى بىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچكىنى ئەۋزەلدۇر.
    مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولمىسۇن، ئاياللار ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ۋاقتىدا مۇھەببەتتىن ۋاز كەچمىكى لازىم. ئاياللار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بارلىقىنى تەقدىم قىلىۋەتمەسلىكى ھەمدە ئەر كىشى ئىگە بولغان ماددىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئۇلارنىڭ ھىسياتىنى ئالدىماسلىقى لازىم. مۇھەببەت ئۆز-ئارا بولىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپتىن بىر تەرەپ قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمىسە، بۇنداق مۇھەببەتنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا يەنىلا بۇرۇنراق ۋاز كەچكەن ياخشى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号