مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى:
8-ئاينىڭ 17-كۈنى خۇاڭ ئېنيۈنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ، يېشى مەڭگۈ 15 ياشتا توختاپ قالغان بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقىنىڭ ئاخىرىقى 5 يىلىنى ئاق قان دانىچىسى كىسەللىكىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ يىل 5 ئايدا يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتىسىيىسى قىلدۇرغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ كىسىلى قايتا قوزغىلىپ، خۇاڭ ئېنيۈ بۇ سەۋەپلىك داۋالاشتىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆيىدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىدى.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى خۇاڭ ئېنيۈ بىلەن تۇنۇشۇپ، ئۇ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانغا قەدەر، بۇ مەزگىل ئىچىدە مەن ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى 24 كۈنىنى خاتىرلەپ چىقتىم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىنىڭ بۇ رەسىملەرنى تورغا چىقىرىشىمغا قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى خۇاڭ ئېنيۈ ئىسىملىك بىر كىچىك دوستنىڭ بۇ دۇنياغا كەلگەنلىكى ھەمدە 15 يېشىدا ئالدىراشلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانلىقىنى، بۇ كىچىك دوستىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك ئادىمى شۇنداق باتۇر بىر قىزچاق ئىكەنلىكىنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.
بۈگۈن سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلىچۇ!
"ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، دورا ئىچىش كەتمەيدىغان، چىدىغۇسىز ئازاپ ۋە ئاغرىققا تولغان يىلىك تىشىش داۋالىشنى قوبۇل قىلمىساممۇ بولىدىغان بولدى." . خۇاڭ ئېن يۈ ئۆيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ بەدىنى ئۇرۇقلاپ تاياقتەك قالغان ئىدى.

قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىرى ھاياتىدىن ۋاز كىچىش يولىنى تاللاپ، بارلىق داۋالاش ۋە دورا ئىچىشنى توختاتتى ھەمدە ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشقا قايىل قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ ئۆلۈمنىڭ كىلىشىنى كۈتتى. ئۇ دەسلەپ ئۆيگە قايتقان ۋاقىت 5-ئاي بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ بەلكىم يەنە بىر ئاي ئەتراپىدا ئۆمرى قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ھاياتىدىكى ئاخىرقى مىنۇتلارنى زادى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزۈش كىرەكمۇ ياكى ئۆيدە ئۆتكۈزۈش كىرەكمۇ دىگەن مەسىلىگە قارىتا، ئانىسى ئۇنىڭ پىكىرىنى ئالغان ئىدى. خۇاڭ ئېنيۈ ناھايىتى قەتئىلىك بىلەن ئۆيىدە ئۆلۈپ كىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىللىق ئائىلە مىھرى ۋە تۇرمۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ كۆپ ۋاقتى قالمىغان ھاياتلىقىنى ساقلاشنى خالىمىغان ئىدى.
بەش يىلدىن بىرى خۇاڭ ئېنيۈنىڭ تۇرمۇشى ئاق قان كىسەللىكى تەرپىدىن پۈتۈنلەي گۇمران قىلىۋىتىلگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، بارلىق ئامال-چارىلەرنى قوللىنىۋاتاتتى. ئاخىرى ئۇ ئۆزى قارار چىقىرىپ، پاسسىپ ھالەتتە دوختۇرنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماسلىقنى قارار قىلغان ئىدى.

خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ئۆيى فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇچىڭدا بولۇپ، ئۇ ئۆيدىكى چوڭ بالا ئىدى، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە ئىككى سىڭلىسى ۋە بىر ئىنىسى بار ئىدى. كارىۋاتتا ئولتۇرغان سىڭلىسى خۇاڭ ئېنيۈ بىلەن قوشكىزەك بولۇپ، خۇاڭ ئېنيۈ ئۇنىڭدىن يېرىم كاللا ئىگىزلىكىدە پاكار ئىدى. تۆت ئاچا-سىڭىل، ئىنىلەر بىرلىكتە چوڭ بولغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار ناھايىتى تىزلا مەڭگۈلۈك خوشلاشقىلىۋاتاتتى.
خۇاڭ ئېنيۈ ئىلگىرى ئىنى-سىڭىللىرىغا، ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ يىغلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كىيىن، ئېنيۈنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرگەن نەخ مەيداندا، ئىنىسى يىغلامسىرغان ھالەتتە ، "ئاچام بىلىپ قالسا خاپا بولىدۇ" دەپ ئىككى ئاچىسىغا يىغلىماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلغان.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى خۇاڭ ئېنيۈ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى كارۋاتتا ئولتۇرۇپ، قىزىنىڭ داۋالاشتىن ۋاز كەچكەنلىك توغرىسىدا گەپ چىققاندا، ئانا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالدى.
5-ئاي، ئەسلىدە خۇاڭ ئېنيۈ پۈتۈنلەي ساقىيىشقا پەقەت بىر ئايلا قالغان ۋاقىت ئىدى. ھېلىقى كۈنى چۈشتىن كىيىن بەش يىلدىن بويانقى چۈشتىن كىيىنلەردىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، بۇ كۈنى ئۇ ئانىسى بىلەن دوختۇرخانىغا قاننى قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغىلى كەلگەن ئىدى. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن، ئىككەيلەن بىرگە ماڭدى، ئەمما ھەر ئىككەيلەن گەپ قىلماي جىمجىت ماڭغان ئىدى.
فۇجۇ شەھەرلىك "بىرىنچى ماي مەيدانى" دىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ۋاقىتتا، خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ئانىسى ئۇنىڭدىن بۈگۈن چۈشتە نىمە يىگۈسى بارلىقىنى سورىدى، ھەمدە بۈگۈن سىرتتا تاماق يىيىشنى ئېيتتى. بۇ بىر جۈملە سۆز ناھايىتى ئادەتتىكى بىر سۆز بولسىمۇ، ئەمما خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى تىز بولۇپ، دەرھال ئانىسىدىن، "ئانا، مىنىڭ كىسىلىم يەنە قايتا قوزغىلىپتىمۇ؟" دەپ سورىدى؛ ئانا خۇاڭ ئېنيۈگە قاراپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، كوچىدىلا جار سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
بەش يىلدىن بىرى، كىسەللىك سەۋەبىدىن ئىممونىت كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن خۇاڭ ئېنيۈ ئەزەلدىن سىرتتىن بىر تال گۈرۈچمۇ يەپ باقمىغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كىيىنكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش بولۇپ، ئەگەر بەش يىللىق داۋالاش مابەينىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاينى ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ كەتسە، بۇ ئۇنىڭ ئاق قان كىسىلى بىلەن خوشلىشىپ، مەكتەپكە قايتسا بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ئۆيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى زالغا ئىككى دانە يىڭى ئورۇندۇق پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى ئالدىنقى ئاخشىمى خۇاڭ ئېنيۈ قاتتىق قىزىپ، قىزىتمىسى يانمىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى ھۇدۇقۇپ، بىرىنچى قەۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن مىيىت ئۆيى تەييار قىلغان ئىدى؛ ئەمما بەخىتكە يارىشا، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن خۇاڭ ئېنيۈنىڭ قىزىتمىسى يانغان بولغاچقا، ئۇلار يەنە مىيىت ئۆيىنى يېغىشتۇرۋەتكەن ئىدى.
مەن قىلچىلىك قورقۇش ھىس قىلمىدىم
8-ئاينىڭ 5- كۈنى، خۇاڭ ئېنيۈ ھاجەتكە چىقىپ كىرگەندىن كىيىن بالكونغا چىقىپ سىرتلارغا بىر قارىۋىتىپ، ياتاق ئۆيگە قايتىپ كىردى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن پۈتكۈل مال-بىساتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆيىدە ئاساسى جەھەتتىن تۆت تاملا قالغان ئىدى.
ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا، تىجەشلىك بولۇش خۇاڭ ئېنيۈنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. 5-ئايدا خۇاڭ ئېنيۈنىڭ تېنى يامان ئەمەس بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قەيەرگە بېرىپ ئويناپ كەلگۈسى بار بولسا، ئۇنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئاخىرىدا، خۇاڭ ئېنيۈ فۇچىڭغا خوشنا كەلگەن پىڭ تەنداۋغا بېرىپ، ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە دېڭىزنى كۆرۈپ كىلىشنى تاللىدى. بۇ خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ھاياتلىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ساياھەتكە ياكى يېراقلارغا ئوينىغىلى چىقىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن ناھايىتى 30-20 كىلومىتىرلا كىلەتتى.

ئاخىرقى كۈنلەردە، راك ھۈجەيرىلىرى خۇاڭ ئېنيۈنىڭ پۈتكۈل بەدىنىگە تاراپ، ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭ مىڭىسىگە تارالدى؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى تىزلا ئۇرۇقلاپ ياغاچتەك بولۇپ قالدى، بەدەنلىرى بەزى-بەزىدە سىقىراپ ئاغرىپ كىتەتتى، يەنە بەزىدە ئۇ تېخى قىسقا ۋاقىتلىق ئەس-ھوشىنى يوقىتىش ھالىتىگە كىرىپ قالاتتى. ئۇنىڭ يۈز قىسمى ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ يۈزلىرىنى ئۇۋۇلاپ قوياتتى. ئاق قان دانىچىسى كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر تەدرىجى ھالدا خۇاڭ ئېنيۈدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 25- كۈنى ئۇنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشەلىگۈدەك ماغدۇرى بار ئىدى، ئەمما شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ قايتا بىرىنچى قەۋەتكە چۈشەلىگۈدەك ماغدۇرى قالمىدى.

خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ئۆيىدە ئەسلىدە تېلىۋىزور يوق بولۇپ، ئۇ داۋالاشتىن ۋاز كىچىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن تېلىۋىزوردىن بىرنى سېتىۋىلىپ، ئۇنىڭغا بەزىبىر تىلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنى كۆرسەتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئولتۇرۇپ تىلىۋىزور كۆرۈش، خۇاڭ ئېنيۈ نىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇھىم بىر قىسمى ئىدى.
ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ئائىلە ئوپچە سۈرىتىگە چۈشكەن ۋاقىتتا، خۇاڭ ئېنيۈ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان، ئۆيىدىكى باشقىلار ئۆرە تۇرغان بولۇپ، ھەممەيلەن بەدەن تىل ئىپادىسى قاتمال، چىرايىدىن كۈلكە ئۆچكەن ئىدى. خۇاڭ ئېنيۈ چىدىماي، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنى ئىزدىدى، ئانا-بالا ئىككەيلەن ئالدىدىكى سىن ئاپپاراتىغا پىسەنت قىلمىدى، 15 يىللىق ئانا-بالا مۇناسىۋىتى جەريانىدىكى ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۆيۈشۈش مۇشۇ ھالەتتە تاماملاندى.
سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن، خۇاڭ ئېنيۈ يەنە كارىۋاتقا چىقىپ يېتىۋالدى؛ ئاخىرقى ئون نەچچە كۈندە، كاۋراتتا ياتمان ئولتۇرۇش، خۇاڭ ئېنيۈ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئېغىر يۈككە ئايلانغان ئىدى.
خۇاڭ ئېنيۈ ھەمىشە يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتىسىيىسى قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىدا تۇنۇشقان بىر قىزنى ئەسلەپ قالاتتى؛ ئۇ قىزمۇ يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭمۇ كىسىلى قايتا قوزغىلىپ، ئاللىقاچان قازا قىلغان ئىدى. خۇاڭ ئېنيۈ ئىلگىرى ئاپسىسىدىن، " ئۇ ئاچاش ئۇ دۇنياغا كەتتىمۇ؟ ئەگەر مەنمۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشسام، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينايمەن" دەپ ئېيتقان.
سىز ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ ساقايمايدىغان قەلىب يارىسى
8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەن سائەت 5تىن ئاشقان ۋاقىتتا، خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ئانىسى خۇاڭ ئېنيۈنىڭ بولالماي قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر ئەۋەتتى. شۇ كۈنى سائەت 9 دىن ئاشقاندا خۇاڭ ئېنيۈ ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ قازا قىلغان ۋاقىتتا ھېچقانداق ئازاپقا ئۇچرىمىدى؛ ئانىسىنىڭ سۆزلىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ خۇددى ئۇخلاپ قالغاندەك ياتاتتى. چۈشتىن كىيىن، خۇاڭ ئېنيۈنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈشكە ئېلىپ بېرىلدى؛ ئائىلىسىدىكىلەر ئانىسىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۇزاتقىلى بىرگە ئېلىپ بارمىدى.
شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، خۇاڭ ئېنيۈنىڭ ئانىسى ئۆيىدە، ئۆيدىكىلەر ئېلىپ كەلگەن جەسەت كۆيدۈرۈش تالونىغا قاراپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي " ئېنيۈ، سەن كىتىپ قالدىڭ، سەن ئاناڭنىڭ كۆڭلىدىكى مەڭگۈ ساقايماس قەلىب يارىسى" دىگىنىچە يىغلاپ كەتتى.

خۇاڭ ئېنيۈ ھايات ۋاقتىدا كۆپ قېتىم ئانىسىغا، ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەك ئازاپلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. نەپەستىن قېلىشتىن بەش سائەت بۇرۇن، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇرۋاتقان خۇاڭ ئېنيۈ، تېخى يەنە ئاتا-ئانىسغا، ئۆزىگە ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى ھەققىدە ئۇلارغا تەسەللى بىرىۋاتاتتى؛ ئەمما خۇاڭ ئېنيۈ بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئانىسى ھەر قېتىم ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئەسلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتالماي كۆز يېشى قىلىپ كىتىدىغانلىقىدىن بىلمەيتتى.
خۇاڭ ئېنيۈنىڭ خاتىرجەم بولالمايدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلاتتى، ھەمدە ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆز-ئارا ئازراق جىدەللىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەنە ئىنى-سىڭىللىرىغىمۇ كۆزى قىيمايدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئۇكىسىنىڭ يانفون ئويىنىغا ھېرىسمەن بولۇپ قېلىشىدىن ۋە باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
خۇاڭ ئېنيۈ قازا قىلغاندىن كىيىن، سىڭلىسى بىلەن مومىسى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن يۇڭ ئەدىيالنى بالىكونغا ئېچىقىپ ئاپتاپقا سېلىپ قويدى.
8-ئاينىڭ 17- كۈنى كەچقۇرۇن، خۇاڭ ئېنيۈنىڭ جىسمى بۇ ئائىلىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.