ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چەتئەلدىكى 3 ئايدا بىر ئېچىلىدىغان خوتۇن ئالماشتۇرۇش بازىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تار كەلگەن ئوتتۇرا ئامرىكا قىتئەسىگە بىر مۇنچە كىچىك دۆلەتلەر سىغدىلىشقان بولۇپ، مىكسىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىن باشلاپ كولۇمبىيىنىڭ شىمالىغىچە بولغان ئارلىققا، گۋاتېمالا، بىلىز، سالۋادور، گوندۇراس، نىكاراگۇئا، كوستارىكا ۋە باناما قاتارلىق 7 دۆلەت جايلاشقان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە بىلىزدىن باشقا 6 دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
   بۇ يەرنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، بۇ جايدا دۇنياغا مەشھۇر مايا مەدىنىيىتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مايا مەدىنىيىتى قەدىمقى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئۈچ چوڭ مەدىنىيەتنىڭ بىرسى.
   گوندۇراس ئوتتۇرا شىمالى ئامىرىكا قىتئەسىگە تەۋە تاغلىق دۆلەت بولۇپ، تىنچ ئوكيان بىلەن كارىب دېڭىزى ئارلىقىغا جايلاشقان؛ گوندۇراس تارىختىكى شانلىق شۆھرەتكە ئىگە بولغان مايا مەدىنىيىتىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدۇر.
   مايا مەدىنىيىتى گوندۇراسنى ئۆز مەدىنىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارغا ئادەمنىڭ قەتئى ئەقلىگە سىغمايدىغان، ئەشەددىي قالاق كەلگەن بىر خىل ئۆرپ-ئادەتنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ خوتۇن ئالماشتۇرۇشتۇر. گوندۇراستا ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى "قويۇۋىتىپ"، ئۇلارنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ كىم ئاشتى قىلىپ ساتىدۇ، ياكى باشقىلارنىڭ ئايالىغا ئالماشتۇرىدۇ.
   گوندۇراستىكى بۇ خىل قالاق ئادەت ئەينى ۋاقىتتىكى مايا مەدىنىيىتىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇش جەريانىدا ئەسىر ئالغان ئەرلەرنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرۈپ نەزىر قىلاتتى، ئەمما ئەسىر ئالغان ئاياللارنى ئېلىپ قېلىپ خوتۇن قىلاتتى ياكى ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتەتتى؛ بۇ خىل قالاق ئادەت بولسا شۇ زاماندىن ھازىرقى زاماندىكى گوندۇراسقىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. گوندۇراس ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل قالاق ھەم ناچار ئادەتنى بىكار قىلىشنى ياكى ئۆزگەرتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئادەت ئۇلارنىڭ خەلقىنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، ھۆكۈمەت تەرەپمۇ ئامالسىز، بۇنداق ئالماشتۇرۇشنىڭ پەقەت بىكىتىلگەن بازاردا ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىقى ۋە ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم بازار ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان.
   گوندۇراستىكى بۇ خىل خوتۇنىنى ئالماشتۇرۇش ئادىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭ زىيانلىق تەرەپلىرى بار بولۇپ، بۇ خىلدىكى خالىغانچە ھەمدە قايتا-قايتا خوتۇن ئالماشتۇرۇش قىلمىشى، گوندۇراستىكى تىبىركولىيۇز كىسەللىكى، بەزگەك كىسىلى ۋە ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانىنىڭ ئامىرىكا قىتئەسى بويىچە بىرىنچە ئورۇندا تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
   گوندۇراس ھۆكۈمىتى ھازىر خوتۇن ئالماشتۇرۇش بازىرىنى ئۈچ ئايدا بىر ئېچىلىدىغان قىلىپ بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، بۇ گەرچە ۋاقتىنچە تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلالمىسىمۇ، ئەمما بىر خىل باشلىنىش؛ ئىشىنىمەنكى گوندۇراس ھۆكۈمىتى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە "ئامال-چارە" قوللىنىپ، ئىنسانلار مەدىنىيىتىگە ۋە ئادىميىلىك ئەخلاققا مۇخالىپ كىلىدىغان ھەمدە ئادەمگە زىيان ئېلىپ كىلىدىغان بۇنداق ناچار ئادەتنى بالدۇرراق تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىشكە تىرىشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号