بالام، توي قىلمىسىڭىزمۇ ھېچۋەقەسى يوق!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
بىر خىزمەتدېشىمنىڭ ئاچىسى، روژدىستىۋو بايرىمىدا ئوغۇل دوستى بىلەن ئۆز-ئارا سوۋغات تەقدىم قىلىشقان بولۇپ، خىزمەتدېشىمنىڭ ئاچىسى ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ئاتالمىش چەتئەلدىن سېتىۋىلىنغان بىر پوسولكا تاپشۇرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، پوسولكىنى ئېچىپ قارىسا، مەلۇم بىر ھەشەم بويۇمىغا ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا بۇيۇم بولۇپ، پوچتا ھەققى بىلەن قوشۇلۇپ 88يۈەنلىك بۇيۇم ئىكەن.
خىزمەتدېشىمنىڭ ئاچىسى بۇ بۇيۇمنىڭ رەسىمىنى ئوغۇل دوستىغا ئەۋەرتىپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئوغۇل دوستى ئەكسىچە ئاچچىقلىنىپ، "30 ياشقا كىرىپ قالغاندىكىن، ئۇنچىلىك ئەستايىدىل بولۇپ كەتمەڭ، ئانىڭىز سىزنى توي قىلالماي قالامدىكى دەپ ئەنسىرمەمدۇ؟" دەپ جاۋاپ قايتۇرغان.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان خىزمەتدېشىمنىڭ ئاچىسى، "خاپا بولماڭ، ئانام قەتئى ئەنسىرمەيدۇ" دەپ جاۋاپ يېزىپ قويۇپ، ئوغۇل دوستىنى، ئىنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىلگىركى ئوغۇل دوستىغا ئايلانغان ئۇنى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەن.
خىزمەتدېشىمنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى ھەمىسە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغىنى، ئۇلار ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ توي ئىشىدا چوقۇم ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى بولۇپ، ئانىسىنىڭ دىيىشىچە، ئەگەر ئۇلار ياخشى بىرەرسىنى ئۇچرىتالمىسا، بىر ئۆمۈر توي قىلمىسىمۇ ھېچقىسى يوق ئىكەن ھەمدە ئۇلارنى بىر ئۆمۈر بېقىشنى خالايدىكەن.
ھەر قېتىم بۇنداق ۋاقىتتا، ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن، غادايغىنىچە "مەنمۇ ئۆزەمنى ئۆزەم باقالايمەن" دەپ تۇلۇقلاپ قويىشىدۇ.
مىنىڭ يەنە بىر ساۋاقدىشىم بار بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى توي قىلىشقا قىستاپ، ئەتىلا تويىنى قىلىۋەتسەك دىگۈدەك ھالدا كىلىپ قالغان ئىكەن. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بويان، ئۇنىڭ توي قىلىشىنى سۈيلىمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، تېخى ئۇنىغا ئالدىرماي لايىق ئىزدىشى ھەققىدە نەسىھەت قىلىدىكەن.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تۇققانلىرىنىڭمۇ، مىنىڭ ساۋاقدىشىم بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىرنەچچە قىزى بار بولۇپ، ئۇلار بالدۇرلا توي قىلىپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ بولغان بولغاچقا، ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسى يۈزى تۆكۈلگەندەك ھىس قىلىپ، ساۋاقدىشىمنى توي قىلىشقا قىستىغان ئىكەن.
ئويلىمىغان يەردىن، نەچچە يىل ئۆتمەيلا، ئۇ قىز نەۋرە تۇققانلىرىنىڭ ئائىلىسى ئاساسەن دىگۈدەك قالايمىقانچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، بىرنەچچە تۇققانلار بىر يەرگە كەلسە ھەمىشە دەرت ئېيتىپ ياش تۆكىدىكەن؛ ئارىدا تېخى بىر نەچچە قىز ئىرىدىن ئاجرىشىپمۇ بولغان ئىكەن. بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەڭ يېقىن بولغان تۇققىنىنىڭ قىزى ئىرىدىن ئاجرىشىپلا قالماي، يەنە بولۇمسىز ئىرى قالدۇرغان نەچچە يۈز مىڭلىغان قەرز ئۇ قىزنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىپ قېلىپ، دەردىنى سۆزلىگۈدەك يەرمۇ تاپالماي يۈرىيدىغان ئەھۋالغا قالغان ئىكەن.
ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەنمۇ قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، قىزىنى يەنە توي قىلىشقا قىستاشقا قايتا جۈرئەت قىلالمىغان.

-2-
ئەقىللىق ئاتا-ئانىلار ئاللىبۇرۇنلا پەرزەنتلىرىنى توي قىلىشقا قىستىمايدىغان بولۇپ قالدى.
مىكروبىلوگدىكى بىر ماقالىدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان:
"قىزىم ياتلىق بولسىمۇ ياكى بولمىسىمۇ بەرىبىر، ئۇ ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىمەن دىسىمۇ، پەقەت ئۇ ئۆزى خۇشال ھەم بەخىتلىك ھىس قىلسا، مەن ئۇنى قوللايمەن. چۈنكى ئەر كىشىگە ياتلىق بولسا، ھەقىقەتەن بەك كۆپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىكەن: ناچار قېينىئانا، مەسئۇلىيەتسىز ئەر، تاسادىبى ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئېلىپ كەلگەن زەخمە قاتارلىقلار بەك كۆپ بولۇپ، بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپ قالغۇچە، مەن قىزىمنى بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈپ كەتسە، ياكى ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلەشسە ياخشىراق دەپ بىلىمەن."
"مەنمۇ ئوغلۇمغا شۇنداق دىدىم، توي قىلامدۇ قىلمامدۇ، پەرزەنتلىك بولامدۇ بولمامدۇ ۋە ياكى بالىسى ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنامدۇ، پەقەت ئوغلۇم بەخىتلىك بولسىلا، مىنىڭ باشقا ھېچقانداق پىكىرىم يوق."
"ئەگەر سىز توي قىلغاندىن كىيىن، بويتاق ۋاقتىڭىزدىكىدەك ئەركىن-ئازادە ۋە بەخىتلىك بولالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىنى دەپ توي قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت سىز خۇشال ئۆتسىڭىزلا بولغىنى."
" توي قىلامدۇ قىلمامدۇ، بالىلىق بولامدۇ بولمامدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۇلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولىشى كىرەك؛ ئۇ پەقەت توغرا يولدا ماڭىدىغان، ساپالىق بىر پۇقرا بولسىلا، مىنىڭ باشقا پىكىرىم يۇق، بۇنداق ئىشلارغا بىز ئارىلىشىۋالساق ياخشى بولمايدۇ!"
......

يۇقىرقىلارنى خۇلاسىلاپ چىقساق:
بالام، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ خۇشال بولۇشى ئۈچۈن توي قىلمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ توي قىلىشىڭىزنىڭ ھېچ زۈرۈرىيىتى يوق.
ئەگەر تويلىشىش سىزگە نورمىدىن سىرت بەخىت ئېلىپ كىلەلمىسە، ئەكسىچە سىزگە نورمىدىن سىرت خەۋپ ئېلىپ كەلسە، ئۇنداقتا سىزنىڭ توي قىلىشىڭىزنىڭ ھېچ زۈرۈرىيىتى يوق.
سىزگە نىسبەتەن ئەڭ ناچار بولغان نەتىجە، بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈش بولۇپ، بۇ يەنىلا سىزنىڭ توي قىلغاندىن كىيىن جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئازاپقا قالغىنىڭىزدىن ياخشى.
باشقىلارنىڭ نەزىرى، خەقلەرنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئادىمىم بولغان سىزدەك مۇھىم ئەمەس.