ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار ئۇزۇن مەزگىل ئىرى بىلەن بىرگە بولمىسا، بۇ چاتاقلار كۆرۈلىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   جەمئىيەت بېسىمى بارغانسىرى ئېشىپ كىتىپ بارغان بۈگۈنكى كۈندە، ئەر-خوتۇنلار ھەر ئىككىسى ئومۇميۈزلۈك سەھەر چىقىپ كەچ قايتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چارچاشلارغا تولغان جىسمانىيىتى نورمال ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان بولۇپ قېلىپ، ئەر-خوتۇنلار زىددىيىتى بارغانسىرى كۆپىيىپ كىتىپ بارماقتا. ئەمىلىيەتتە مۇۋاپىق تۈردىكى ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى بېسىمنى يەڭگىلىلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئايللارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ فىزىلوگىيىلىك ئىھتىياجى بار، بۇ نورمال ئەھۋال؛ ئەگەر ئايال كىشى ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي تۇرمۇشى يوق بولسا، ئۇلاردا تۆۋەندىكى 5 جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ!
1. ئاياللار كىسەللىكى پەيدا بولىدۇ
   ئاياللار كىسىلى، ئاياللارغا نىسبەتەن بىر خىل قىيناش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، جىنسىي ئەزاسىدا قىچىشىش ۋە غەيرى پۇراق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈشىكى سەۋەپ، ئاياللاردىكى بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان غىدىقلىنىشقا ئىرىشەلمىگەچكە، ئۇلار يىتەرلىك مىقداردا ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرالمىغانلىقتىن، جىنسى ئەزانىڭ ئۆزىنى پاكىزلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ؛ بۇنىڭغا ئەگىشىپ باكتىرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرلاپ كىتىپ، ئاياللار كىسىلى پەيدا بولىدۇ.
2. سۈت بېزى كىسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ
   ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى كەمچىل بولغان ئاياللاردا ئاسانلا سۈت بېزى كىسەللىكلىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ يەنە ئاياللار كىسىلىگە ئۆزگىرىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئاياللار بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشى بولۇپ، ئادەتتە ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش دىيىلىدۇ.
3. ھەيىز قالايمىقانلىشىدۇ
   ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى يوق بولۇپ قالغاندا، ئاياللاردا ھەيىز بىنورماللىشىش ھەتتا ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرى ئاياللار كىسەللىكىدىن قېلىشمايدۇ؛ بۇ ئەھۋال ئاياللار بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ بىنورمال بولۇشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، ھەيىزنى تەڭشەپ، ھەيىز مەزگىلدىكى ئاغرىقنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.
4. كىلىماكتىرىيە دەۋرى ئالدىغا سۈرۈلۈپ كىتىدۇ
   ئۇزۇن مەزگىل بويتاق ئۆتكەن ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىلىماكتىرىيە دەۋرى بالدۇر كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلاردا بالدۇر قېرىپ كىتىش، جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەش، مىجەزى بارغانسىرى ئىتتىك بولۇپ قېلىش، قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. بارغانسىرى ئاداۋەت ساقلايدىغان بولۇپ قالىدۇ
   ئاياللار تۇغۇلما ئادەۋەت ساقلايدىغان كىلەمدۇ؟ بۇ نوقتىنى پۈتۈنلەي شۇنداق بولىدۇ دىيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تىببى ساھەدە ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەجىربە ئىسپات ماتىرياللىرى يوق. ئەمما مۇقەررەرلەشتۈرۈشكە بولىدىغان يەنە بىر ئەمىلىيەت بولسا، جىنسىي تۇرمۇشتىن رازى بولماسلىق، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولالماسلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئىناق بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا بەزىدە كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈن جىدەللىشىپ قالىدۇ. بۇ نوقتىدا ئاياللارلا ئەمەس، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە سۇغۇپ پوزۇتسىيىگە ئۇچرىسا، ئەرلەرنىڭمۇ ئاچچىقى كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号