ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پىسخىكىلىق سىناق: سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىستىكىڭىز نىمە؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ! بىرىنچى بولۇپ نىمىنى كۆردىڭىز؟
ئا. ئادەمنىڭ يان چىرايى
ب. پىلنىڭ بۇرنى
س. ئايال كىشىنىڭ بەدىنى
 
جاۋاب ئانالىزى
 
ئا جاۋاپنى تاللىغانلار
     سىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىڭىز ئادەمنىڭ ياندىن قارىغاندىكى چىرايى بولسا، بۇنىڭدىن سىزنىڭ ھازىرقى ئىستىكىڭىزنىڭ ھەقىقى مۇھەببەتكە ئىرىشىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا سىزنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇڭىز كەمچىل ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ. سىز پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىزنى سۆيىدىغان ئادەمدىن بىرسىنى ئىزدەپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مۇلايىملىقىغا ۋە بىر مەيدان ئايرىلىپ كەتمەيدىغان مۇھەببەتكە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىسىز؛ سىز گەرچە ئادەتتە ناھايىتى سوغۇق چىراي كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىز قىزغىنلىققا تولغان بولۇپ، سىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتمەك ناھايىتى ئوڭاي. مۇھەببەت سىزنىڭ قېشىڭىزغا يىتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، سىز ناھايىتى مۇلايىملىشىپ كىتىسىز؛ بۇ يەردە سىزگە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز، كۆڭلىڭىزدىكىدەك مۇھەببەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كىرەك؛ ئۆزىڭىزنى ھەمىشە بىكىنمە ھالەتتە تۇتۇۋالسىڭىز بولمايدۇ، مۇۋاپىق تۈردە باشقىلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ كۆرىشىڭىز كىرەك، بۇنىڭدا باشقىلارمۇ سىزنى تېخىمۇ بەكرەك چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ. سىز سىرتلارغا كۆپرەك چىقىپ، كۆپرەك ئادەملەر بىلەن دوستلۇشۇپ ئالاقە دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشىڭىز كىرەك، بۇنىڭدا تۇرمۇشۇڭىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ھەم ئازادىلىككە تولىدۇ؛ سىزنىڭ ئىرىشمەكچى بولغان مۇھەببىتىڭىز جەھەتتە، بەلكىم ھازىر ۋاقتى كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاڭ! ئىشىنىڭكى سىزگە تەئەللۇق بولغان مۇھەببەت ھامىنى يىتىپ كىلىدۇ، بۇ ھەقتە مەنمۇ سىزگە قەتئى ئىشىنىمەن.
ب جاۋاپنى تاللىغانلار
    بىر قاراپلا پىلنىڭ بۇرنىنى كۆرگەن بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ھازىرقى ئىستىكىڭىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرمۇش ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؛ سىز ھازىرقى ئەھمىيەتسىز بىلىنىدىغان ئادەتتىكىچە تۇرمۇشىڭىزدىن زىرىكىشكە باشلىدىڭىز. سىز ئىچكى دۇنيارىڭىز قىزغىنلىق ھىسياتلىرىغا تولغان ئادەم بولۇپ، كۈندە ئۆزگەرمەس ھالەتتىكى بىر خىل شەكىلدە تۇرمۇش كەچۈرۈش سىزنىڭ ئىرىشمەكچى بولغىنىڭىز ئەمەس؛ سىز ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان يىڭىچە شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كۈندە قايتىلىنىپ تۇرىدىغان ھالەتنى ياقتۇرمايسىز. سىز ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايقايسىز؛ ئۇلار يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بېسىمى ئېغىرلاپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان، چۈنكى ھەرقانداق ئادەم بىر رەۋىشتە ماڭىدىغان تۇرمۇشتىن زىرىكىشلىك ھىس قىلىدۇ. سىز ئەگەر ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىمەن دىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا قارىتا پىلان تۈزۈۋىلىشىڭىز كىرەك. بىز بۇ يەردە سىزگە، راھەت قوغلىشىپ، ئىشلىمەي چىشلەشنى ئويلاشماسلىق ھەم ھازىرقى ھالىتىڭىزگە چۆكۈپ قېلىپ ئۆزىڭىزنى چىقىرالماي قالماسلىق تەكلىپى بىرىمىز؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەپ ھەرىكەتلىنىشكە ئۆتۈشىڭىز كىرەك. ھازىردىن باشلاپ بىلىڭىزنى چىڭ باغلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلەڭ؛ ئىشىنىمىزكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز؛ ھازىرقى تۇرۇمۇش ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ ئازادىلىككە ھەم ئارامبەخىشلىككە تولغان كەلگۈسى تۇرمۇش يارىتىپ چىقالايسىز.
س جاۋاپنى تاللىغانلار
     سىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىڭىز بىر ئايال كىشىنىڭ بەدىنى بولسا، بۇ سىزنىڭ ھازىر ئىچكى دۇنيارىڭىزدا ھەممىدىن بەك ئۈمىد قىلىدىغىنىڭىز ياخشى بىر ئارام ئېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىز خىزمەتكىمۇ بارماي، سىرتلارغىمۇ چىقماي ئۆيدە نەچچە كۈن يېتىۋىلىشنى، چارچىغان بەدىنىڭىزگە ئۇزۇن مەزگىللىك دەم ئېلىش بىرىشنى ئويلايسىز. خىزمەت جەريانىدا، ھەركۈنلىكى تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدىغان ئىشلار بار بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بەدىنىڭىز ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، چارچاپ تۈگىشىدۇ. سىز ناھايىتى ئىقتىدارلىق كەلگەن، سىز ھەركۈنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى تەقدىم قىلىسىز، بىراق ھەربىر ئادەمنىڭ زىھنى چەكلىك كىلىدىغان بولۇپ، مۇۋاپىق تۈردە ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ؛ چۈنكى سىزنىڭ زىممىڭىزگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى باغلانغان بولۇپ، بۇمۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ياخشى تۇرمۇش شارائىتى بىرىشكە تىرىشىشىڭىزدىكى ئاساسلىق سەۋەپ؛ ئەمما سىزنىڭ جىسمىڭىز دەم ئېلىشقا ئىرىشەلمىسە، سىز ھامان بىر كۈنى يېقىلىپ قالىسىز، بۇنىڭدا ئىرىشكىنىڭىزدىن يوقىتىپ قويغىنىڭىز كۆپ بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە سىزگە، ئۆزىڭىزگە ئۇنچەك كۆپ بېسىم بىرىۋالماسلىق، مۇۋاپىق تۈردە قەدەملىرىڭىزنى توختىتىپ، سىرتلاردىكى گۈزەل مەنزىرلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى قويۇپ بىرىشنى ئۆگىنىۋىلىش تەكلىپى بىرىمىز؛ بۇنىڭدا سىز تېخىمۇ تولۇپ تاشقان زىھنىڭىز بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھالەتتە ئالغا ئىلگىرلىيەلەيسىز. ئىشىنىمىزكى، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز بارغانسىرى گۈزەل بولۇپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号