ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىزىقارلىق بايقاش: راك ھۈجەيرىسى مۇھەببەتتىن قورقىدىكەن!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئامىرىكىلىق داۋىد.ھوگىنىس دوكتۇر بولسا بىر دوختۇر، ئۇنىڭ ئامىرىكىدا ناھايىتى نامى چىققان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتقان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بىمارنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن كىسەل بولۇپ قالغىنىنى بىلەلەيدىكەن؛ چۈنكى ئۇ بىمارلارنىڭ جىسمىدىن ھېچقانداق بىر مۇھەببەت پارچىسىنى بايقىيالمايدىكەن، ئۇنىڭ بىمارلارنىڭ جىسمىدا كۆرىدىغىنى پەقەت ئازاپ، ئاغرىنىش، قايغۇرۇش پۈتكۈل جىسمىنى چىرمىۋالغانلىق ھالىتى ئىكەن. ھوگىنىس دوختۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىسەل بولۇپ قېلىشى ئۇلاردا مۇھەببەت بولمىغانلىقىدىن بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت ئازاپ ۋە قايغۇرۇشلا بار بولىدىكەن؛ ئۇلارنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى 200دىن تۆۋەن بولۇپ، ئاسان كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. تەۋرىنىش چاستوتىسى دىگىنىمىز بولسا ئادەتتە كىشىلەر ئېيتىدىغان ماگنىت مەيدانىدۇر.
     داۋىد.ھوگىنىسنىڭ بايقىشىچە، كىسەل بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ ھەممىسى سەلبى ئادەتتە سەلبى ئوي-قاراشتا بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى 200دىن تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇنداقتا قانداق ئوي-قاراشلارنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى200دىن تۆۋەن بولىدۇ؟ قاقشاپ ئاغرىنىشقا ئادەتلىنىش، باشقىلارنى ئەيىبلەش، باشقىلارغا نەپرەتلىنىش قاتارلىقلارنىڭ چاستوتىسى تەخمىنەن 40-30ئەتراپىدا بولىدىكەن؛ ئادەم  توختىماستىن باشقىلارنى ئەيىبلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ كۆپ مىقداردىكى ئىنىرگىيىسىنى خورىتىۋىتىدىغان بولغاچقا، تەۋرىنىش چاستوتىسى 200دىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا نۇرغۇن خىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.
    ھوگىنىسنىڭ دىيىشىچە، دۇنيادىكى ئۇ كۆرگەن تەۋرىنىش چاستوتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى 700 بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىنىرگىيىسى تولۇپ تاشقان كىلىدىكەن، ھەم ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا بولغان مۇھىتنىڭ ماگنىت مەيدانىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئايال –تىرىسا مۇناھ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىگە چىققان ۋاقتىدا، پۈتكۈل مەيداننىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، تەۋرىنىش چاستوتىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان؛ تىرىسا مۇناھ پۈتۈن مەيداندىكى ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىنىرگىيىسىنى ھىس قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنىرگىيىسى گۈزەللىك ۋە تەسىرلىك تۇيغۇلارغا تولغان ئىدى.
    يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك كىشىلەر كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭ ماگنىت مەيدانى ئەتراپىدىكى بارلىق شەيئىلەرنى گۈزەل ۋە مىھرىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ؛ ئەمما نۇرغۇن سەلبى ئوي-قاراشلارغا تولغان بىر ئادەم، ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئەتراپىدىكى ماگنىت مەيدانىنىمۇ ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ.

     ھوگىنىس دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، ئۇ پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدىكى ئوخشىمىغان ئىرىقتىكى كىشلەردىن مىليونغا يېقىن مىساللارنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئاخىرقى جاۋابى بىردەك چىققان ئىدى، يەنى تەۋرىنىش چاستوتىسى 200دىن تۆۋەن بولغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يا ئۇنداق، يا مۇنداق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئىدى. 200دىن ئارتۇق تەۋرىنىش چاستوتىسىغا ئىگە كىشىلەر كىسەل بولمىسا، ئۇنداقتا چاستوتىسى 200دىن ئاشىدىغان ئوي-قاراشلار قايسى؟ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئادەتلىنىش، مىھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش، ساخاۋەت قىلىش، كەڭ قورساق مۇلايىم بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى چاستوتىلىق ئوي-قاراشلار بولۇپ، چاستوتىسى500-400گە يىتىدىكەن.
     ئەكسىچە، نەپرەتلىنىشكە ئادەتلەنگەن، غەزەپلىنىدىغان، ھەدىسىلا باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان، باشقىلارغا ھەسەت قىلىدىغان، باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، ھەر قانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ھېسياتىنى ئويلاشمايدىغان، بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بۇ تۆۋەن چاستوتىلىق تەۋرىنىشلەر راك ۋە يۈرەك كىسەللىكى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپ ئىكەن.
     ھوگىنىس دوختۇر مىدىتسىنا نوقتىسىدىن، بىزنىڭ ئوي-قاراشلىرىمىزنىڭ ناھايىتى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە سىرلىق ئىكەنلىكى ھەم بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号