
★ بىرىنچى ھىكايە ★
بىر قىز دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر شەھەردىكى ئوغول دوستىنى يوقلاپ كېلىپتۇ. كىيىن باشقا ساۋاقداشلىرى بۇ قىزنىڭ 20 نەچچە سائەت قاتتىق ئورۇندۇقلۇق پويىزدا ئولتۇرۇپ ئوغۇل دوستىنى كۆرۈشكە بارغىنىنى ئاڭلاپ، مەن ئەگەر ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بولغان بولسام، ئۇنىڭغا چوقۇم كارىۋاتلىق بىلەت ئېلىپ بەرگەن بولاتتىم دەپتۇ. بۇ ساۋاقدىشىنىڭ گېپى ئۇ قىزنىڭ قولىقىغا يىتىپ، قىز ناھايىتى بىئارام بولۇپتۇ.

★ ئىككىنچى ھىكايە ★
يول بويىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال يايما ئېچىپ ئولتۇراتتى، بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇر ياشلىق بىر ئەر كىشى ۋەلىسپىت مىنىپ بۇ ئايالغا تاماق ئېلىپ كەلدى. ئەر كىشى ۋەلىسپىتتىن چۈشۈپلا كەچۈرۈم سورىغاندەك كۈلۈپ، ئايالغا " كەچۈرۈڭ، كىچىكىپ قالدىم، قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەندۇ ھەقىچان؟" دىدى. ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەركىشىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىدىن ئازراق خوشاللىق تۇيغۇسى غىل-پال ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، "ھېچقىسى يوق، تېخى بۇرۇنغۇ " دەپ جاۋاپ قىلىدى. ئەر كىشى مېيىقىدا كۈلگىنىچە، ۋەلىسپىت سىۋىتىدىكى تاماقنى ئېلىپ، ئايالنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تاماقنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى، ھەمدە، قىزىقىدا يەۋىلىڭ، مەنمۇ سىزگە ھەمرا بولۇپ بىللە يەي دىدى.
بۇ ۋاقىتتا يايما ئالدىغا ئوتتۇرا ياشلىق يەنە بىر ئايال كەلدى. ئۇ بېشىنى سوزۇپ ئايالنىىڭ قولىدىكى تاماق قاچىسىنىڭ ئىچىگە قاراپ، ھەيران بولغاندەك ئاۋاز چىقىرىپ، " ھەي!! سىڭلىم، سىز يىگەن بۇ تاماقنى تاماق دىگىلى بولامدۇ؟ ئازراق گۆش ياكى ماي تەركىبى بولمىسا بۇنىڭ، قانداقمۇ گېلىڭىزدىن ئۆتكەندۇ سىزنىڭ " دىدى؛ ئۇ ئايال گېپىنى دەپ بولۇپلا، ئېغىزىدا خۇرسىنغان ئاۋاز چىقارغان، چىرايىدا بولسا مەسخىرە قىلىش ئىپادىلىرىنى كۆرسەتكەن ھالدا، سېمىز كەلگەن بەدەنلىرىنى تولغاپ مېڭىپ كىتىپ قالدى.
يايما ئاچىدىغان ئايال قولىدىكى تاماق قاچىسىنى تۇتقانچە، ئۇ سېمىز ئايالنىڭ كەينىدىن قاراپقىنە ئولتۇرۇپ قالدى؛ ئايالنىڭى كۆزلىرى ياشلارغا لېق تولۇپ، كۆز ياشلىرى تاراملاپ قولىدىكى تاماق قاچىسىغا تۆكۈلدى. يېنىدىكى ئەر كىشىنىڭمۇ كۆزلىرى قىزىرىپ، قولىدىكى تاماق قاچىسىنى تۇتقىنىچە بىرەر كاپام تاماقمۇ گېلىدىن ئۆتمەي ئولتۇرۇپ قالدى. بۇ تاپتا ئەتراپتىكى مۇھىت كەيپىيات خۇددى بىر دەمدە قېتىپ قالغاندەك، ئادەمگە بىر خىل نەپەس ئېلىش قىيىن بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.

★ ئۈچىنچى ھىكايە ★
ئوغلى ئالى مەكتەپكە ئۆتتى؛ گەرچە ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپ بولسىمۇ، ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال بولدى ھەم بەخىت ھىس قىلدى، ھەرگىز ئەپسۇسلىنارلىق بولغان بىرە تەرىپىنى ھىس قىلمىدى. دادىسى ئوغلىغا " ئوغلۇم سەن داداڭ، ئاناڭغا قارىغاندا ياراملىق ئادەم بولدۇڭ! مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغىچە ئوقۇغان، ئاناڭمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئارانلا پۈتتۈرگەن، سەن بولساڭ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەلىيۇلئەلاسى بولدۇڭ" دەپ سۆزلەپلا كەتتى. ئوغۇل خىجىللىقتىن كۈلۈمسىردى، ئەمما كۈلكىسى ناھايىتى يېقىملىق، كۆڭلى تىنغاندەك كۆرنەتتى.
بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر خىل بەخىت ۋە خوشاللىققا تولغان كەيپىيات ئىچىدە، ئوغلىنى مەكتەپكە ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن بىكەتكە كەلدى. بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىرسى دادىنىڭ مۆرىسىگە ئۇردى؛ دادىسى قايرىلىپ قارىسا، ئەسلىدە بىر تۇنۇشى بولۇپ، ئۇمۇ بالىسىنى مەكتەپكە ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. ئۇ تۇنۇشى دادىدىن سىزنىڭ ئوغلىڭىز قايسى مەكتەپكە ئۆتتى دەپ سوراپتۇ؛ ئەمما دادا ئەمدى مەكتەپنىڭ ئىسمىنى چىقىرىشىغا، ئۇ تۇنۇشى دەرھال ھەيرانلىق ئىپادىسى بىلدۈرۈپ، " سىزنىڭ بالىڭىز ئۆتكەن بۇ مەكتەپنىمۇ ئالى مەكتەپ دىگىلى بولسۇنمۇ؟ ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بىكار، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تاپالمايدۇ. مىنىڭ ئوغلۇم سىزنىڭ ئوغلىڭىزدىن كۆپ ياخشىكەن، ئۇ داڭلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتتى، ئۇقۇش پۈتتۈرسە خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇنى تالىشىپ قوبۇل قىلىدۇ، ئايلىق مائاشى ئازدىگەندىمۇ 8000يۈەندىن ئاشىدۇ" دىگىنىچە، چىرايىدا مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆرۈلگىنىچە كىتىپ قاپتۇ.
بىر ئائىلە كىشىلىرى دادىنىڭ ھېلىقى تۇنۇشىنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ، كۆزلىرى بىردىنلا خىرەلىشىپ كەتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بايامقى بەخىت تۇيغۇسى، دادىنىڭ ئۇ تۇنۇشىنىڭ بىر قەپەز ئۆزى سوراپ ئۆزى جاۋاپ بەرگەن گەپلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كىتىپ، يۈرىكى يالقۇنلۇق ھىسياتلاردىن بىراقلا مۇزلاش نوقتىسىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا كىلىشكەن ئوغلىنىڭمۇ كۆزلىرىدە ياقۇتتەك ياش تامچىلىرى يالتىراۋاتاتتى.

★ خاتىمە ★
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بەختى بولىدۇ، ھەم ئۆزىگە خاس بەختلىك ئۆتىدىغان ئۇسۇللىرى بولىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ بەختى بىر ئالماس ئۈزۈكتىن كىلىشى مۇمكىن، بەزىلەرنىڭ بەختى بىر ئىستاكان سۈت چايدىن، يەنە بەزىلەرنىڭ بەختى بولسا سۆيگۈنىنىڭ كۈلۈمسىرىشى ياكى بىر ئېغىز كۆڭۈل بۆلۈشىدىن كىلىشى مۇمكىن! مەيلى نىمىدىن بولمىسۇن ھەممىمىز بۇ خىل بەخىت ھىس قىلدۇرغۇچى ھالەتلەردىن كۆڭلىمىزنى خوشال تۇتۇپ ئۆتمەكتىمىز.
بىز باشقىلارنىڭ بەختىگە دەخلى قىلماسلىقىمىز لازىم، چۈنكى بەخىتمۇ ئادەمنىڭ خۇسۇسى مەخپىيەتلىكىگە تەۋە. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئازاپ بەلكىم باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى بەختى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل بەخىتنىڭ مال-دۇنيا، نام-ئاتاق ۋە ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ پەقەت بىرخىل كۆڭۈل تۇيغۇسى خالاس.
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، يېنىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشۇ بەخىتلىرىگە تىلەكلەرنى تىلەڭ، ئۇ سىز ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەڭ قەدىرلىك بولغان نەرسىلىرىگە دەخلى يەتكۈزمەڭ، چۈنكى بەخىت تۇيغۇسى خۇددى يازدىكى قىشنىڭ تىمپىراتۇرىسىغا ئوخشايدۇ، ئىسسىق-سۇغۇقنى ھەممە ئادەم ئۆزى بىلىدۇ!

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۈچ مۆچەلدىكى ئاياللار، تۇغۇلىشىدىنلا ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىر خىل جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچى ئىنتايىن چوڭ، ئەرل

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号