18-ئىيولدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامرىكا مىچىگىن شىتاتىدىكى بىر ئايال كىيىم مودىلى، شۇ يەر ۋاقتى15-ئىيول مىئامى شەھرىگە مودا كىيىملەر كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا بارغاندا،سەھنىدە 5 ئايلىق بولغان قىزىنى ئىمىتكەچ مودىللىقتا ماڭغان. بۇ ئەھۋال كەڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر قىلىشى ۋە تالاش تارتىش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ قوللىغۇچىلار بۇ ئايال مودىلنى ناھايىتى جاسارەتلىك ئىكەن دەپ قارىغان، ئەمما قارشى تۇرغۇچىلار ئۇنى بۇ ئارقىلىق داڭ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ خەۋەرنىڭ باش پىرسوناژى بولسا، بۇ پەقەت بىر ئانىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا بالىسىنى ئىمىتىشى بولۇپ، گىزىتكە چىقىرىپ خەۋەر قىلغۇچىلىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئايال مودىلنىڭ ئىسمى مارا.مارتىن بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ Sports lllustrated نىڭ يىللىق سۇ ئۈزۈش كىيىمى كۆرگەزمىسىگە مودىللىقتا مېڭىش ئۈچۈن قاتناشقان؛ ئۇ سەھنىدە مودىللىقتا مېڭىپ ماھارەت كۆرسەتكەندە، بالىسىنى ئىمىتكەچ ماھارەت كۆرسەتكەن؛ ئۇ بالىسىنىڭ مۇزىكا ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئاۋازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىقىغا نائۇشنىڭ تاقاپ قويغان؛ ئۆزى بولسا چىرايىدا كۈلكە سىمالىرى جىلۋە قىلغان، قەدەملىرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە تولغان بولۇپ، نەق مەيداندا ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ ۋەقە توردا ناھايىتى قىزغىن مۇنازىرلەرنى قوزغىغان؛ بەزىلەر ئۇنى جاسارەتلىك دەپ ماختاپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەھنىدە بالىسىنى ئىمىتىشىنى " نۇرمال ئەھۋال" قىلىشقا تىرىشقان؛ ئەمما يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەر ئۇنى سەھنىدە كۆكسىنى ئۇچۇق قويۇشقا تايىنىپ داڭ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىگەن. دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، مارتىن بۇ ئىشقا قارىتا ناھايىتى ھەيران قالغانلىغىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ ئىژتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كىيىن، ئۆزى قىزى بىلەن كۈندە نەچچە قېتىم قىلىدىغان ئىشنىڭ گىزىتنىڭ باش بېتىگە چىققانلىغىنى كۆرگەنلىگىنى، بۇنىڭ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچ

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولىدىغان بولدى؛ شۇڭلاشقا، نۇر

ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号