ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۈندە بىر تال بەرەڭگە يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2017-08-31 كۆرۈلىشى : قېتىم

 بەرەڭگە سەكتە (شامالدارىش) نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەرەڭگىدە ۋىتامىن B ۋە ئەلا سۈپەتلىك سېللۇلوزا (تالا ماددىسى) مول بولۇپ، ئادەم تېنىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش رولى بار. بەرەڭگىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ۋە قومۇش شېكىرى(ساخاروزا)نىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، داۋالاشقا، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى ئاقسىللار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بانان، ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق كالىي مول مېۋە–چېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، سەكتە (شامالدارىش)نىڭ خەتىرىنى ئازايتالايدۇ، ھەرقانداق ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۈندە بىر دانىدىن بەرەڭگە يەپ بەرگەندە، سەكتە (شامالدارىش)نىڭ خەتىرىنى %40 ئازايتقىلى بولىدىكەن.

ئورۇقلىتىدۇ. بەرەڭگىدە ماي تەركىبى ئارانلا %0.1 بولغاچقا، ئۇنى يېگەندە ماي ئارتىپ كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بەرەنگىنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتقىلى، ئارتۇقچە مايلارنى تەدرىجىي چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەرەڭگە يەپ بەرگەندە ئوزۇقلۇقنىڭ بىر خىل بولۇپ قىلىشىدىنمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بەرەنگىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ياكى ساقلىقنى ساقلاش رولى جەھەتتىن، سېرىق پۇرچاقتىن تۆۋەن تۇرمايدۇ؛ ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددالار، ھەتتا ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۇن–گۈرۈچكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ.

ئاشقازاننى ئاسرايدۇ. جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، بەرەڭگە ئاشقازاننى تەڭشەيدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاشقازان يارىسىنى داۋالاش، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، زەھەر ھەيدەيدۇ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号