ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تاماقتىن كېيىن قانداق مېۋىلەرنى يېگەن ياخشى؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2017-08-20 كۆرۈلىشى : قېتىم

 20170820175736111.jpg

ئوزۇقشۇناسلار يېقىندا تاماقتىن كېيىن مېۋە يېيىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «تاماقتىن كېيىن بۆلجۈرگەن، ئۈجمە، قىزىل خەمەك (火龙果) ياكى مايمۇن شاپتۇلىغا ئوخشاش ئۇرۇقلۇق مېۋىلەرنى يەپ بەرسە، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىراق ئەسكەرتمىسە بولمايدىغان نۇقتا شۇكى، تاماقتىن كېيىن توڭلاتقۇدا ساقلانغان سوغۇق مېۋىلەرنى يېيىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل مېۋىلەر ئاشقازان دىۋارلىرىدا قىسقىرىشنى پەيدا قىلىپ، تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ».

ئوزۇقشۇناسلار يەنە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا تالنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «بەزىلەرنىڭ تېلى ئاسان زەئىپلىشىپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا پىچەكگۈل بىلەن نومى گۈرۈچىدىن 150 گىرامدىن تەييارلاپ، باشتا نومى گۈرۈچىنى چالا پىشۇرۇپ، ئاندىن پىچەكگۈلنى سېلىپ ئىچىپ بەرسە، تالنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؛ يەنە كېلىپ بۇ ئۇماچ ئىچ سۈرۈش، كىچىك تەرەت توسۇلۇش ۋە زىققا كېسىلىگىمۇ پايدا قىلىدۇ».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号