ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاسماندىن چۈشكەن خىش پارچىسى بىر ياشلىق بالىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   5-ماي كۈنى، جېجىياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرىدىكى ئولتۇراق رايون ئىچىدە، بىر خىش پارچىسى ئېگىزدىن چۈشۈپ 14ئايلىق چوڭلۇقتىكى بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ بېشىغا تەگكەن. بالىنىڭ باش قىسىمى شۇ ھامانلا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، توختىماي قان ئېقىشقا باشلىغان؛ بالىنىڭ ئانىسى قورقۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي، بالىسىنى قۇچاقلىغانچە يىغلاپ كەتكەن.
   بوۋاق گەرچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تىراگىدىيەنىڭ يۈز بىرىشىنى توسۇپ قالالمىغان.
   ئىككىنچى كۈنى، دوختۇرخانا ئوغۇل بوۋاقنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
   خوشنىلارنىڭ دىيىشىچە، بالىنىڭ ئانىسى ئەينى ۋاقىتتا بالىسىنى بوۋاقلار ھارۋىسىغا سېلىپ ئولتۇراق رايون ئىچىدە سەيلى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاسماندىن تۇيۇقسىز تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى خىش پارچىسى چۈشۈپ، دەل كىلىپ بالىنىڭ بېشىغا تەگكەن.
   شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنا بىر سىكونت ۋاقىت ئىچىدە، دۇنياغا كۆز ئاچقىلى ئۇزۇن بولمىغان جاندىن بىرسى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. بىرلا ۋاقىتتا گۇمران بولغىنى، ئۇنىڭ كەينىدىكى پۈتكۈل ئائىلە ئىدى.
   ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، مۇخبىر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن ئولتۇراق رايونغا زىيارەتكە كەلگەندە، بىر خالتا تۇرمۇش ئەخلىتى ئاسماندىن ئۇنىڭغا يىراق بولمىغان يەرگىلا چۈشكەن.
   ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈم خىزمەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىلگىرى ئولتۇراق ئاھالىلەرگە، ئېگىزدىن نەرسە-كىرەك تاشلىماسلىق ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ھادىسىنى ئۆزۈل-كىسىل يوقىتىپ بولالمىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号