ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۈندە مېڭىپ بەرگەننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۆۋەندەك كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، كۈندە مېڭىپ بەرگەننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

پۈتۈن بەدەن چېنىقىدۇ
   چوڭ قەدەم تاشلاپ يول ماڭغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ %70-%60 مۇسكۇللىرى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە پۇت-قوللارنىڭ ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، بەدەننىڭ ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
يۈرەك كېسەللىكى ۋە دىئابىت كېسەللىكى خەۋىپىنى ئازايتىدۇ
   كۈندە يول مېڭىپ بىرىشتا چىڭ تۇرغاندا، يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى %33 تۆۋەنلەتكىلى، دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى %50 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە ئىممونت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزالارنىڭ قېرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىدۇ.
سۆڭەكنى ساغلام قىلىدۇ
   بەدەنگە كالتسىي قوبۇل قىلىش كەمچىل بولۇشتىن باشقا، ھەرىكەت ئاز بولسىمۇ بەدەندە كالتسىي كەملەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كالا سۈتىنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىش بىلەن بىرگە، يەنە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بىرىش كېرەك.

ياشانغانلاردىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
   ھەر كۈنى يېرىم سائەت سەيلە قىلىپ مېڭىپ بەرسەك، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر، ھەر كۈنى يېرىم سائەت يول يۈرۈپ بەرسە، قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.
يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ
   ھەر كۈنى يېرىم سائەت يول مېڭىپ بەرسەك، ئۆپكىگە پايدىسى زور بولۇپ، ئۆپكىدىكى كىرەكسىز گازلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۆپكىمىزنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ، يەنە يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارىغىمۇ پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ
   دائىم يول مېڭىپ چېنىقىش، تەبىئىي تىنچلاندۇرۇش دورىسى بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھاياجانلىق دەرىجىسىنى قوزغاپ، كەيپىيات تۆۋەنلىكنى ياخشىلايدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号