ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چوڭ مېڭىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئىلگىرىكىدەك بولالماي قالغانلىقىدىن ۋە چوڭ مىڭىسىنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستا بولۇپ قالغانلىقىدىن قاقشاشقا باشلايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا مېڭىمىزنى ياش ھالەتتە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
   تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر، چوڭ مېڭىگە ھەممىدىن بەك زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
تەتۈر شەكىلدىكى ياغلار
   زو مىقداردا تەتۈر ياغ قوبۇل قىلىش، تنۇش ئىقتىدارى، مېڭە سىغىمى ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەر
   زىيادە مىقداردىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇق تاتلىق يېمەكلىكلەر، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتدۇ، بۇندىن باشقا يەنە مېڭە ئىچىدە ياللۇغ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى
   پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ناھايىتى تېزلا پارچىلىنىپ قەنتلەرگە ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئەستە ساقلاش توسالغۇسىنى كۆچەيتىپ بەدەندە ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ياشانغانلار گالۋاڭلار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەر
   پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا مېڭە ئورگانىزىمىنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى ۋە مېڭە سىغىمىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر
   ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەندە، مېڭە يىگىلەشنى پەيدا قىلىپ، چوڭ مېڭە نىرىپ يەتكۈزگۈچ ماددىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
سىماب تەركىبى يۇقىرى بولغان بېلىق
   ئېغىر مىتالغا تەۋە بولغان سىماب، نېرۋا سىستېمىسى ساغلاملىقىغا ھەممىدىن بەك زىيانلىق.
سابا تاتلىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان شېكەرسىز يېمەكلىكلەر
   زور مىقداردا شېكەرسىز ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ گالۋاڭلىق كېسىلى ياكى سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号