ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش ياخشى ئەمەس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
   موما، بولكا قاتارلىق كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىساق، ئۇنىڭ قۇرغاقلىشىپ قېتىپ قېلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىۋىتىدۇ. ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەپ تۈگىتەلمىسەك، ئۇنى ھىم ئورىغاندىن كېيىن توڭلاتقۇنىڭ مۇزلىتىش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ ساقلىساق بولىدۇ.
شاكىلات
   شاكىلاتنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق تىمپىراتۇرا 18-5 سىلتسىيە گىرادوس ئارىلىقىدا بولىدۇ. شاكىلاتنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاپ كەينىدىن توڭلاتقۇدىن ئالغاندا، سىرتقى يۈز قىسىمىدا ئاق قىراۋ پەيدا بولۇۋىلىپ، شاكىلاتنىڭ ئەسلى تەمىگە تەسىر يىتىپلا قالماي، يەنە باكىترىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ پايدىلىق بولۇپ قالىدۇ.
دورا ماتېرىياللىرى
   دورا ماتېرىياللىرىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ساقلىغاندا، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ باشقا يېمەكلىكتىكى باكتىرىيە ۋىرۇسلار دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ؛ بۇندىن باشقا، دورا ماتېرىياللىرى ئاسانلا نەم تارتىپ قېلىپ، ئەسلى دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.
شوخلا
   شوخلىنى تۆۋەن تىمپىراتۇرىدا توڭلاتقاندىن كېيىن، ئېتى كۆپۈكچە ھالەتكە ئۆتۈپ، يۇمشاپ ئىزىلىپ كېتىدۇ، يۈز قىسىمىدا قارا داغلار پەيدا بولۇپ، پىشمايدىغان ھەم تەمسىز بولۇپ قالىدۇ.
تەرخەمەك ۋە كۆكمۇچ
   تەرخەمەك ۋە كۆكمۇچ توڭلاتقۇدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا قارىداپ يۇمشاپ قالىدۇ، ھەتتا تەمى ئۆزگىرىپمۇ كېتىدۇ. تەرخەمەك يەنە بۇزۇلۇپ چىرىپ قېلىشى مۇمكىن.
يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتات
   يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىساق، يۇپۇرمىقى تېخىمۇ تېز بۇزۇلۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئىنىزىم ۋە باكتىرىيەلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا، زەھەرلىك نىترىتلارنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
شىياڭجاۋ
   شىياڭجاۋنى تىمپىراتورا 12گىرادوستىن تۆۋەن مۇھىتتا قويساق، قارىداپ سېسىپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号