ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
باۋما ئاپتوموبىلى logo بەلگىسىنى ئۆزگەرتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   4-مايدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، باۋما ئاپتوموبىلى ئالدىنقى كۈنى، پۈتۈنلەي ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان i4 ئاپتوموبىلىنى بازارغا سالغان. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيىدىغىنى، بۇ قېتىم يەنە پۈتۈنلەي يېڭىچە logo بەلگىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئورگان تور بېكىتىدىكى  logo بەلگىسىمۇ بۇ يېڭى بەلگىگە ئالماشتۇرۇلغان.
   يېڭى logo بەلگىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باۋما ئاپتوموبىلى يېڭى بەلگىدىمۇ يەنىلا ئىلگىرىكى كىلاسسىك ئىلمىنت لايىھەلىرىنى قوللانغان؛ ئوخشىمايدىغان يىرى، ئىنچىكە نۇقتىلاردىكى ئۆزگىرىش بولغان. ئوخشاش بولغان يۇمىلاق شەكىل، ئوتتۇرۇلۇقتىكى بوشلۇق يەنىلا ئاق ۋە كۆك رەڭدىن تەشكىل تاپقان؛ لېكىن، "BMW" خەت شەكلىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، باۋما ئاپتوموبىلىنىڭ logo بەلگىسى، 1917-يىلى لايىھەلەنگەندىن بېرى ئۆزگىرىپ باقمىغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگىچە 103يىل ساقلانغان. لېكىن بۇ قېتىملىق ئۆزگىرىش، باۋما ئاپتوموبىلىنىڭ يېڭى ماركا ۋە يېڭى ئوبراز بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
   دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، باۋما ئاپتوموبىلىنىڭ M ۋە i تارماق ماركا بەلگىسىدە ئىنتايىن كىچىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ بەلكىم باۋما ئاپتوموبىلىنىڭ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارغا ئوخشاش بولمىغان تاللاشلارنى تەمىنلەشنى يىتەكچى ئىدىيە قىلغان يېڭىچە ئوبراز بىلەن بازار ئىگىلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号