ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆمۈرلۈك پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى ئادەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
كارىۋاتقا يانفون ئېلىپ چىقماسلىق
   يانفوننىڭ بىزگە بولغان قىزىقتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن زور، ئەگەر يانفوننى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقساق، ئۇخلاش ۋاقتىمىز چوقۇم كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يانفوندىن يىراقلىشىپ، ۋاقتىدا ئۇخلاپ ئۇيقۇنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەتىگەندە ناشتا قىلىش
   ئەتىگەندە چوقۇم ناشتا قىلىپ، يىتەرلىك مىقداردا ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، بەدىنىمىز بىر ئاخشام ئۇزۇقلانمىغان بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا تولۇقلاش قىلمىساق، ئاسانلا بەدىنىمىزنى تۈگەشتۈرۈپ قويىمىز.
ھەر قانداق ئىشقا ئون مىنۇت ئاۋۋال تەييارلىق كۆرۈش
   ھەر قانداق ئىش قىلىشتا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزگە ئازراق ئارتۇق ۋاقىت ئېلىپ قويىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا، ئەگەر بىرەر تاساددىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا، جىددىي ئەھۋالنى بىتەرەپ قىلىشقا يىتەرلىك ۋاقىت بار بولىدۇ.
ئىشلارنىڭ ئېغىر يىنىكىنى ئايرىش
   ھەر كۈنى خىزمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال تەپەككۇرىمىزنى رەتلەپ، ئىشلارنىڭ ئېغىر يىنىكىنى ئايرىپ چىقىپ، ئاۋۋال جىددىي، مۇھىم ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن باشقا ئىشلارنى تۈگىتىش لازىم.
رەت قىلىشنى ئۆگىنىش
   مۇۋاپىق تۈردە رەت قىلىشنى ئۈگىنىپ، باشقىلاردا سىزگە تايىنىۋىلىش ئىدىيىسى شەكىللىنىپ قېلىشتىن ساقلانماق لازىم.
ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىش
   نۇرغۇن ئىشلارنىڭ داۋلىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىر ئىشلاردا كۆپرەك قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقساق، مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاش
   باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاش، بۇ قارشى تەرەپكە قىلىنغان ھۆرمەت، ئادەم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئەڭ ئاساسى ئەدەپ-قائىدە. بۇنىڭدىن باشقا، پەقەت بىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىساقلا، قارشى تەرەپنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئارىسىدىن، بىز ئىرىشمەكچى بولغان ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيمىز.
ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىشتا چىڭ تۇرۇش
   ھاياتلىق ھەرىكەتلىنىشتە، شۇڭا ھەر دائىم ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号