ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ياش ھالەتتىكى ئىجادچانلىققا تولغان چوڭ مېڭىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھازىرقى زامان كىشىلىرى چوقۇم بەزىبىر ناچار ئادەتلىرىنى تاشلىشى ھەمدە ھەر ۋاقىت ئەتراپىدىكى مۇھىت ئامىللىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
بەك تويۇنۇپ تاماق يىيىش
   ئۇزۇن مۇددەت زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېگەندە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى "تالا ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈش فاكتورى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا كۆرۈنەرلىك ھالدا ئېشىپ كېتىدۇ؛ بۇ خىل ماددىلار  قىل قان تومۇرلار ئىچىدىكى پوستلاق ھۈجەيرە ۋە ياغلارنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئارتىرىيە قېتىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭە بالدۇر ئاجىزلاپ كېتىش ۋە ئەقلى ئىقتىدارى كەينىگە چىكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ناشتىغا سەل قاراش
   ئەتىگىنى ناشتا قىلمىغاندا، ئادەمنىڭ قېنىدىكى قەنت مىقدارى نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولۇپ، مېڭىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش يىتەرلىك بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، چوڭ مېڭىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش
   تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. چۈنكى، بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى، يېمەكلىك تەركىبىدىكى يىتەرلىك بولغان ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلاردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، تاتلىق يېمەكلىكلەر بولسا ئىشتىھانى تۇتۇپ، ئاقسىل ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتىۋىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بالىلاردا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇخلاش ۋاقتى يىتەرلىك بولماسلىق
   چوڭ مېڭىنىڭ چارچاشنى تۈگىتىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى ئۇخلاشتۇر. ئۇزۇن مۇددەت ئۇخلاش يىتەرلىك بولمىسا ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىپ ئاجىزلىشىشىنى تېزلىتىپ، ئەقىللىك كىشىلەرمۇ دۆتلىشىپ قالىدۇ.
ئاز سۆزلەش
   چوڭ مېڭىدە، مەخسۇس سۆزلەشنى باشقۇرىدىغان رايون بار بولۇپ، ھەمىشە گەپ قىلىپ بەرگەندە، چوڭ مېڭىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش
   ئادەم بېشىنى يوتقانغا چۈمكەپ ئۇخلىغاندا، يوتقان ئىچىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئوكسىگېن قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ئۆزلۈكسىز تۈردە تۆۋەنلەيدۇ؛ ئۇزۇن مۇددەت نەمخۇش ھەم بۇلغانغان ھاۋانى سۈمۈرسەك، بۇنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان زىيانلىق تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号