ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مايمۇن شاپتۇلىغا دائىر بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك ساۋاتلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مايمۇن شاپتۇلى تۇرمۇشتا نىسبەتەن كۆپرەك ئۇچرايدىغان مىۋە بولۇپ، تەمى ياخشى، ئۇزۇقلۇقى مول. مايمۇن شاپتۇلىغا نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈپ باققان ھەم يىيىشنىلا بىلىدۇ؛ شۇڭا بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مايمۇن شاپتۇلىغا دائىر بولغان، سىز ئادەتتە بىلىپ كەتمەيدىغان ساۋاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   ئېنېرگىيە مىقدارى: بىر مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى، 110 كالورىيەدىن تۆۋەن.
   دەرىجىدىن تاشقىرى مىۋە: مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە، يىمەكلىك تالا ماددىسى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، ۋىتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى مىۋە ھېسابلىنىدۇ.
   ۋىتامىن C: مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بىر تال مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى ۋىتامىن C، سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ۋىتامىن Cغا بولغان ئېھتىياجىڭىزنى قامدىيالايدۇ.
   تالا ماددىسى: يېشىل ئەتلىك بىر تال مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە 4 گىرام تالا ماددىسى بار بولۇپ، كىچىك بىر خالتا سۇدا تېز ئېرىيدىغان سۇلۇ ياكى بىر تەخسە پىششىق كاللەك بەسەي تەركىبىدىكى تالا ماددىسىغا تەڭ كېلىدۇ.
   كالىي: بىر تال مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى كالىي ماددىسى، ئوتتۇراھال چوڭ-كىچىكلىكتىكى بىر تال شىياڭجاۋ تەركىبىدىكى كالىي ماددىسىغا تەڭ كېلىدۇ.
   قەنت مىقدارى: مايمۇن شاپتۇلى، بىر خىل تۆۋەن ساخارىدلىق يېمەكلىك بولۇپ، دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ يامان ئەمەس تاللىشى ھېسابلىنىدۇ.
   فولىن كىسلاتاسى: مايمۇن شاپتۇلى، يامان ئەمەس فولىن كىسلاتا كىلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
   ۋىتامىن E: مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋىتامىن E بار.
   تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى: مايمۇن شاپتۇلى، تۆۋەن ياغ كىسلاتالىق ۋە تۆۋەن تويۇنغان ياغ كىسلاتالىق تەبىئىي يېمەكلىكتۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号