ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ خىل كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى تىز پەيدا بولۇپ تىز يوقىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەربىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببىتىنىڭ كىلىشى تىز بولىدۇ، ئەمما ۋاز كىچىشىمۇ ئىنتايىن تىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر، مۇھەببەت جەھەتتە ئۆزگىرىشچان ئالا كۆڭۈل كىلىدۇ.
مەرگەن يۇلتۇز تۈركۈمى
    مەرگەن يۇلتۇرز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر ئەركىنلىكنى قوغلىشىدىغان، ھېچقانداق چەكلىمىسى يوق، ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرىدىغان تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇھەببەت ئۈچۈن ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىدىن ۋاز كەچمەيدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە ئادەمگە تۇراقسىزدەك تۇيغۇ بىرىپ، مۇھەببىتىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ ھەمدە بۇرۇنراق ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، مۇقىم تۇرمۇش ھالىتىگە ئۆتۈشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ئەمما ئاخىرقى نەتىجىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار بۈگۈننىلا ئويلايدىغان بولۇپ، كەلگۈسىنى ئويلاشمايدۇ؛ ئاسانلا مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ، بۇنىڭ بىرگە سۇۋىشىمۇ تىز بولىدۇ.
قوزا يۇلتۇز تۈركۈمى
   قوزا يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر تۈز مىجەز بولۇپ، ئۇلار مۇھەببەت جەھەتتە نىسبەتەن تەشەببۇسكار كىلىدۇ، مۇھەببىتىنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇپ يۈرۈشنى ياقتۇرمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ناھايىتى بىۋاستە كىلىدۇ. قوزا يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر، بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، كۈندە دىگۈدەك قارشى تەرەپنى ئەگىپ كىتەلمەيدۇ. بىراق، ئۇلار ئاسانلا مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كۆپىنچە قىزىققان كىلىدۇ ھەمدە ھەمىشە ھاياجىنىنى باسالماي بىر ئىشلارنى قىلىدۇ، لىكىن پەقەت "ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق"نىلا ساقلايدۇ. ئۇلار قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىللىرىدە ناھايىتى دەبدەلىك ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما قىزغىنلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، بىراقلا سۇۋۇپ، مۇھەببىتى سۇسلىشىدۇ، كىتمەن دەپلا كىتىپ قالىدۇ.
شۈپىڭ يۇلتۇز تۈركۈمى(水瓶座)
    سۇ بوتولكىسى يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ئۇلار پەقەت تۇيغۇغا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ؛ بىرەر كىمگە قارىتا ئازراق باشقىچە تۇيغۇ پەيدا بولسىلا، ياخشى كۆرىمەن دەپلا قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇلار مۇھەببەتكە بىرىلىپ كەتكەن ۋاقتىدا ناھايىتى قىزغىن كىلىدۇ، نەزىرىدە مۇھەببەتتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. ئۇلار ئەگەر بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ھېچقانداق توسۇقلارغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئەمما، قارشى تەرەپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا، ئۇلار ئەكسىچە ئكزىنى قاچۇرۇشنى ئويلاپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا كىرىشىنى خالىمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号