ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئائىلىدە دوخوپكا ئىشلەتمەي بولكا سېلىش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بولكا، تاتلىق تۈرۈملەر ئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل تۈرۈم بولۇپ، مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەر، بولكا تەييارلاش جەريانى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوخوپكا بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، دوخوپكا كەتمەيدىغان، ھەم دۈملەش قازىنىمۇ ئىشلىتىلمەيدىغان بىر خىل بولكا تەييارلاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: 250 گىرام ئادەتتىكى ئۇن ، 4 دانە تۇخۇم ، 3 گىرام ئېچىتقۇ، 20گىرام ئاق شېكەر.
تەييارلاش ئۇسۇلى
    داسقا 250گىرام ئۇن، 3گىرام ئېچىتقۇ، 20گىرام ئاق شېكەرنى قوشۇپ، چوكا بىلەن ئۇلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن 10گىرام ئىستېمال مېيى قوشۇپ، قېتىشىۋالغان تۈگۈنچىلەر قالمىغۇچە ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئۈستىگە تۇخۇمدىن تۆتنى چېقىپ، چوكىدا  ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئۇن بىر-بىرىگە يېپىشقاندىن كېيىن، قولىمىزدا ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇىمىز؛ يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە بىرەر نەرسە يېپىپ قويۇپ، ئەسلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كۆپتۈرىمىز.
   كۆپۈپ تەييار بولغان خېمىرنىڭ ئۇۋۇلاپ، ئىچكى قىسىمىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئوخشاش چوڭلۇقتا كىسىپ تەييارلايمىز؛ كىسىپ تەييار قىلغان خېمىرنى قولىمىزدا ئۇۋۇلاپ، يۇمىلاق ھالەتكە ئەكەلگەندىن كېيىن، ئۈستىگە يېڭى ساقلاش پىلاستىرى يېپىپ، ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن ئىككى ھەسسە كۆپتۈرۈمىز.
   قازانغا ئىستېمال مېيى قۇيۇپ، 6-5ئۈلۈش قىزىتىمىز، كەينىدىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ تەييارلىغان خېمىرنى قازانغا سېلىپ داغلايمىز؛ بىر تەرىپى سارغايغاندىن كېيىن يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ داغلايمىز. ھەممە يۈزى سارغايغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، يۈزىگە ئازراق شىكەر سېپىۋەتسەكلا ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号