ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
جۇاۋاۋا پىشۇرغاندا قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىش كېرەكمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-19 كۆرۈلىشى : قېتىم

   جۇۋاۋىنى ھەممىمىز ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىمىز، بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ھەممەيلەن جۇۋاۋا يېيىشكە ئامراق بولۇپ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ جۇۋاۋا تەييار قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال-خۇرام ئولتۇرۇپ ئىستېمال قىلىمىز.
   جۇۋاۋا گەرچە يىيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما تەييارلاش ئاسان ئەمەس؛ خېمىر يۇغۇرۇپ جىلتە ئېچىپ، قىيما تەييارلاپ تۈگۈپ، كەينىدىن قازانغا سېلىپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئېغىزىمىزغا تىگىدۇ. ئادەتتە، جۇۋاۋىنىڭ تەملىك بولۇش بولماسلىقىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئۇنىڭ قىيىمىسىدا؛ لېكىن ئەمەلىيەتتە، قىيمىدىن باشقا ئەڭ ئاخىرىدىكى پىشۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر پىشۇرغان جۇۋاۋىنىڭ تەمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەر پىشۇرغان جۇۋاۋىنىڭ خېمىرى يىرتىلىپ كەتمەي چىقىدۇ، يەنە بەزىلەر پىشۇرغانلىرى بولسا خېمىرى ئېغىزغا چاپلىشىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ ياكى خېمىرى يىرتىلىپ قىيمىسى چىقىپ كېتىدۇ.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، جۇۋاۋا پىشۇرغاندا، سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئاندىن سالىمىز؛ شۇڭا بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە، جۇۋاۋىنى قازانغا سالغاندىن كېيىن، تۇۋاقنى يېپىش ياپماسلىقتا. بۇنىڭدىكى توغرا ئۇسۇل، تۇۋاقنى يېپىش كېرەك، لېكىن ۋاقىتقا دىققەت قىلماق لازىم.
   قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كېيىن، جۇۋاۋىنى سېلىپ بولۇپ يىنىك ئىتتىرىپ تارقىتىۋىتىمىز، بۇنىڭدا جۇۋاۋا قازانغا چاپلىشىۋالمايدۇ. جۇۋاۋىنى ئىتتىرىپ تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، تۇۋاقنى ياپىمىز؛ سۇ قايتا قايناپ چىققاندىن كېيىن تۇۋاقنى ئېچىۋىتىمىز.
   تۇۋاقنى ياپقان ۋاقتىمىزدا، جۇۋاۋىنىڭ خېمىرى پىشىدۇ، تۇۋاقنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن قىيمىسى پىشىدۇ. ئەگەر جۇۋاۋىنى سالغاندىن كېيىن تۇۋاقنى ياپماق قايناتساق، جۇۋاۋىنىڭ پىشىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، خىمىرى يۇمشاپ ئېغىزغا چاپلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەم ئاسان تىتىلىپ يىرتىلىپ كېتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号