ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قارا قېرىنقولاققا ماسلاشتۇرۇشقا قايسى كۆكتاتلار ماس كېلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قارا قېرىنقولاق تەركىبىدە يېمەكلىك تالا ماددىلىرى، مىنرالنى ماددىلار ۋە ۋىيتامىنلار بار بولۇپ، ئۇنى ھەمىشە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنداقتا، قارا قېرىنقولاقنى قايسى خىل كۆكتاتلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟
 
قارا قېرىنقولاق گۆش قورىمىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: قارا قېرىنقولاق، قوي گۆشى، ئۇچلۇق مۇچ، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قوي گۆشىنى نىپىز توغرايمىز؛ قارا قېرىنقولاقنى ئالدىنئالا سۇغا چىلىپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، قولىمىزدا تىتىپ كىچىك پارچە قىلىپ تەييارلايمىز؛ غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، ئۇچلۇق مۇچ قاتارلىقلارنى توغراپ تەييارلايمىز.
   2. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، زەنجىۋىل ۋە سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن گۆشنى سېلىپ سارغايغىچىلىك قورۇيمىز.
   3. قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ 3-2مىنۇت قورىغاندىن كېيىن، ئۇچلۇق مۇچنى سېلىپ قورۇيمىز.
   4. ئاخىرىدا ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى ۋە تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى
   كېتەرلىك ماتېرىيال: قارا قېرىنقولاق، تۇخۇم، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قارا قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، قولىمىزدا تىتىپ پاچىلايمىز؛ غولپىياز، زەنجىۋىل ۋە سامساقلارنى توغراپ تەييارلايمىز.
   2. تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز.
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قاتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىپ قويىمىز.
   4. قازانغا قايتىدىن ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال زەنجىۋىل ۋە سامساقنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا يۆتكەن ئۈچ مىنۇت دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن، قاتۇرۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى ۋە ئۇچلۇق مۇچنى سېلىپ قورۇيمىز.
   5. ئاخىرىدا شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ ۋە تۇزلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ، ئۈستىگە ئازراق غولپىياز مايسىسى چانالمىسى سېپىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن قارا قېرىنقولاق
   كېتەرلىك ماتېرىيال: قارا قېرىنقولاق، تۇز، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل، ئۇچلۇق مۇچ، ئاچچىقسۇ، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، ئاق شېكەر
تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى
   1. سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەن قارا قېرىنقولاقنىڭ تۈۋى قىسىمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىپ، پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، قازاندا سۇ قاينىتىپ، قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ يېرىم مىنۇت قاينىتىۋىلىپ، سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   2. غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، سامساق ۋە ئۇچلۇق مۇچ قاتارلىقلارنى توغراپ تەييارلايمىز.
   3. قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، ئاق شېكەر، غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىقلارنى سېلىپ، ئۈستىگە قىزىتىلغان كۈنجۈت مېي قۇيغاندىن كېيىن، قارا قېرىنقولاق ۋە ئۇچلۇق مۇچلار بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号