ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئائىلىدە چاۋمىفىن قورۇش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-02 كۆرۈلىشى : قېتىم

   چاۋمىفىن، نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان تائام بولۇپ، بولۇپمۇ ياش قىزلار تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئائىلىدە چاۋمىفىن تەييارلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: مىفىن(米粉)، تۇخۇم، يوۋبەسەي، سەۋزە، قىيزا، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، قارىمۇچ، غولپىياز، سامساق
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. مىفىننى ئىلمان سۇغا 4-3سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇغا چىلاپ ئىشلىتىشكە تەييار قىلىپ قويىمىز.
   2. يۇۋبەسەينى يۇغاندىن كېيىن توغراپ تەييارلايمىز؛ غولپىياز مايسىسى ۋە سامساقلارنى چاناپ تەييارلايمىز.
   3. تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز؛ سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ قىيزىنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز.
   4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، تۇخۇمنى سېلىپ قاتۇرغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   5. قازانغا قايتىدىن ماي قۇيۇپ، غولپىياز مايسىسى ۋە سامساق چانالمىسىنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن چاۋمىفىننى سېلىپ چوڭ ئوتتا ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز؛ قاتۇرغان تۇخۇمنى  قازانغا تۆكۈپ، قازانغا يەنە شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، قارىمۇچ، يۇۋبەيسەي قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇيمىز؛ مىفىن قورۇلۇپ يۇمشىغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   6. ئەگەر ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، قىزىلمۇچ قىيامى تەييارلاپ قوشۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号