ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدىغانلار كىرىپ بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خورەك تارتىش، قېرى-ياش، ئەر-ئايال ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بىر ئەھۋال؛ لېكىن، خورەك تارتىش ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقتىن دىرەك بىرەمدۇ؟
   ئۇنداق ئەمەس، ئېغىر بولغانلىرى، بەلكىم توسالغۇ خاراكتېرىدىكى ئۇخلىغاندا نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ئونۋىرسال كېسەللىكى بولۇشى مۇمكىن.
   بۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى %4-%2 بولىدۇ، ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر توپى ئارىسىدا بولسا بۇ نىسبەتەن %11-%9گە يىتىدۇ؛ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يۇقىرى نەپەس يولى تار بولغانلىقتىن، ھاۋا ئۆتۈشۈشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، نەپەسلىنىشنىڭ راۋان بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بولىدۇ.
   سېمىزلىك، چارچاش، ھاراق-تاماكا ۋە بۇرۇن ياللۇغى، قالقانسىمان بەز ياللۇغى، بەز يوغىناپ كېتىش، تىل يوغىناپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى، يۇقىرى نەپەسلىنىش يولىنىڭ تارلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   ئۇنداقتا، خورەك تارتىشنىڭ قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار؟
   خورەك تارتقان ۋاقىتتا، نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تېخى بەدەندىكى قان ئوكسىگېن تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبلىك، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   بۇندىن باشقا، كېچىسى ئۇخلىغاندا خورەك تارتىپ ئۇخلىسا، ئىككىنچى كۈنى ئادەمدە باش ئاغرىش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش ياكى كۈندۈزى ئۇيقۇ تۇتۇش، ئېغىزى قۇرغاقلىشىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاسان غەزەپلىنىپ تىرىكىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن، بەزىدە ھەتتا يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   ئەگەر ئاياللار ھامىلدارلىق ۋاقتىدا ھەمىشە خورەك تارتىپ ئۇخلىسا، ئاسانلا تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى كىلىپ چىقىپ، قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号