ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن دېسىڭىز، ئالما ئاچچىقسۈيىنى كۆپرەك ئىچىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئالما ئاچچىقسۈيىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەي يوللىرى ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، يەنە تېخى كالتسىي تولۇقلاپ يەللىك بوغۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ باھاسى قىممەت، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ھەمىشە ئىستىمال قىلىمىز دېسەك، ئادەتتىكى ئىقتىسادىي شارائىتتا بەرداشلىق بىرىش تەسكە توختايدۇ.
   ئەمەلىيەتتە، ئۆزىمىز ئۆيدە ئالما ئاچچىقسۈيى تەييار قىلىشمۇ، ئۇنچە بەك تەس ئىش ئەمەس.
   بەش جىڭ ئالما سېتىۋىلىپ، يۇيۇپ قۇرىغاندىن كېيىن ياپراقچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
   ئوخشاشلا يۇيۇپ پاكىزلاپ قۇرۇتقان ئەينەك قاچىنىڭ تىگىگە 300گىرام ناۋات سېلىپ، كەينىدىن ياپراقچە قىلىپ توغرىغان ئالمىنى ئۈستىگە قويىمىز؛ ئالما ياپراقچىسىنى تىزىپ 5سانتىمىتىر بولغاندا يەنە بىر قەۋەت ناۋات سېپىۋىتىمىز.
   مۇشۇ بويىچە قايتىلىپ، ئەينەك قاچىنىڭ ئېغىزىغا 10-8سانتىمىتىر قالغىچە تولدۇرىمىز.
   كەينىدى، قاچا ئىچىگە ئىستېمالغا ئىشلىتىدىغان 9گىرادوسلۇق ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇپ، قاچا ئېغىزىغا 5سانتىمىتىر قالغۇچە توشقۇزىمىز ھەمدە ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ تەسكەي بولغان نورمال تىمپىراتۇرىلىق ئورۇندا ئۈچ ئاي قويۇپ قويىمىز.
   بۇ ۋاقىتتا تەييار بولغان ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولۇپ، 10-5ھەسسە سۇ قوشۇپ سۇيۇلدۇرۇش لازىم بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە 20مىللىلىتىر ئالما ئاچچىقسۈيىگە 200مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ ئىچىپ بەرسەك، بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ سىزنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号