ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
گازىر سېتىۋالغاندا بۇ بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گازىر، ئومۇمى خەلقنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان بىر خىل ئۇششاق يېمەكلىك؛ بولۇپمۇ كەچلىرى ئۆيدە ئارام ئالغاچ تېلىۋىزور كۆرگەن ۋاقىتتا، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ گازىر چېقىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ بەختلىك مىنۇتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.  لېكىن، ئادەتتە گازىر سېتىۋالغاندا دىققەت قىلمىسىڭىز، ناچار سۈپەتلىك گازىر سېتىۋىلىپ قالىسىز؛ بۇنىڭدا، تەم تۇيغۇسىغا تەسىر يىتىپلا قالماي، بەخت تۇيغۇ دەرىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
   ئادەتتە، تۆۋەندىكى نەچچە خىل گازىرنى سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ!
قەغەز ئورالما ياكى پىلاستىر خالتىغا قاچىلاپ سىرتتا قويۇپ قويغان گازىر
   بەزى گازىر ساتىدىغانلار، قولايلىق بولۇش ئۈچۈن گازىرنى قەغەز قاپ ياكى پىلاستىر خالتىغا قاچىلاپ قويىدۇ؛ لېكىن، بۇنداق گازىر ئۇزۇن ۋاقىت سىرتتا ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، گەرچە سىرتىدا قەغەز ياكى پىلاسىتىر ئوراغلىق بولسىمۇ، ئەمما سىرتقى يۈزىگە توپا چاڭ دېگەنگە ئوخشاش مەينەت نەرسىلەر يېپىشىۋالىدۇ. شۇڭا گازىر سېتىۋالغاندا، ئىمكان بار ئېغىزى ھىم ئىتىلگەن ئورالمىغان قاچىلانغان گازىرنى تاللاپ سېتىۋىلىش كېرەك.
پۇرىقى كۈچلۈك گازىر
   بەزىدە گازىرنى تېخىمۇ تەملىك قىلىش ئۈچۈن، گازىرغا ھەر خىل تەمدىكى قوشۇندى ماددىلارنى قوشۇپ قورۇيدۇ؛ مەسىلەن، مەن ئادەتتە نىسبەتەن تۇزلۇقراق قورۇلغان گازىر چېقىشنى ياخشى كۆرىمەن. بىز بۇنداق گازىلارنى پۇرىغان ۋاقتىمىزدا، بىزگە يىنىك خۇشپۇراق پۇرايدۇ؛ لېكىن بەزى گازىرلارنىڭ پۇرىقى ئىنتايىن قۇيۇق بولۇپ ھەم غەلىتە بولۇپ، بەزىلىرىدە ھەتتا بۇرنىمىزنى غىدىقلايدىغان پۇراقلار بار بولىدۇ، بۇنداق گازىردا چوقۇم بىنورمال مەسىلە بار، شۇڭا سېتىۋالماسلىق لازىم.
قولدا ئۇۋۇلىساق رەڭ ئۆڭىدىغان ياكى سىرتقى پوستى ئاسانلا ئۇۋۇلۇپ كېتىدىغان گازىر
   بىز سېتىۋالماقچى بولغان گازىرنى قولىمىزدا يىنىك ئۇۋۇلاپ باقساق، ئادەتتە نورمال گازىرنىڭ رەڭگى تولغان كېلىدۇ، قايتا-قايتا ئوۋۇلىساقمۇ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ؛ بۇندىن باشقا، سۈپىتى ياخشى گازىر، بىز ئۇۋۇلىغان ۋاقىتتا تاشقى پوستى ئۇۋۇلۇپ كەتمەي ساق ھالەتتە قالىدۇ.
   ئەگەر سىرتقى پوستى ئاسانلا ئۇۋۇلۇپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ گازىرنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزىراپ كەتكەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولۇپ، بۇنداق گازىرنى سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号