ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇنلار قانداق ئۇخلىشى كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئەگەر ھامىلدارلىق بىر قېتىملىق ئەڭ گۈزەل ساياھەت بولۇپ ھېسابلانسا، ئۇنداقتا بالا بېقىش، ئۇلارغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چېنىقىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنى بېقىش جەريانىدا، ئاياللار توختىماستىن بالا ئىمىتكەندىن باشقا، يەنە ھەر كۈنى بالىسىنى بەزلەپ ئۇخلىتىش جەريانىنى قايتىلىمىسا بولمايدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولماسلىق ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ھورمۇن سەۋىيەسى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىدىن، نۇرغۇن يېڭى ئانا بولغۇچىلار چارچاپ ھالىدىن كېتىدۇ.
   لېكىن، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇنلار قانداق ئۇخلاش كېرەك بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە، توي تۇرمۇشى مۇتەخەسسىسلىرى تۆۋەندىكىدەك تەكلىپنى بىرىدۇ.
   ئەر-خوتۇنلار ئۆي ئايرىپ ئۇخلاش ئوتتۇرىلىقتىكى مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرىدۇ
   ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، زىددىيەتلىشىپ جىدەللىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جىدەللىشىشنىڭ يامان ئىش بولۇشى ناتايىن؛ جىدەللىشىش، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى پىكىرلىشىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. كونىلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ناگاندا بىر گەپ تالىشىپ جىدەللىشىپ قويسا، تۇرمۇشنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلىشقا بولىدىكەن. لېكىن، ئەگەر جىدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يارىشىپ قالماي، جىدەللىشىشنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۋالساق، ئۇنداقتا ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ۋە مۇھەببىتىگە تەسىر يىتىدۇ. ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارىۋات ئۇلارغا ئورتاق تەئەللۇق بولغان خۇسۇسىي بوشلۇق بولۇپ، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار بالا سەۋەبىدىن كارىۋات ئايرىپ ئۇخلىسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىلىقتىكى مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەر-خوتۇنلار ئۆي ئايرىپ ئۇخلاش، دادىنىڭ بالا بېقىشقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ
   شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە، دادا ئىقتىسادى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بالا بېقىش مەسئۇلىيىتى ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن.
  لېكىن بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، دادىسى بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقىت ئەڭ قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت، بىر كۈن ئالدىراش ئۆتكەن دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى بىللە تۇرىدىغان چەكلىك ۋاقىت بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئۆي ئايرىپ ئۇخلايمىز دېسە، دادا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا يېقىنلىشىش ئۇزۇن ۋاقىت كەمچىل بولۇپ، بالىدا دادا مۇھەببىتى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بالىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
   تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر دەل مۇشۇنداق بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بالا بار بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى ۋە زىھىنى بالىسى تەرىپىدىن ئىگەللىنىدۇ. لېكىن بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلايمەن دېسەك، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ھامان ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتىن ئەلا تۇرىشى كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号