ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مىفەن دۈملەشتە بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك تاكتىكىلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەگەر مەندىن ئەڭ ئامراق تامىقىڭىز نېمە دەپ سورىسىڭىز، مەن سىزگە مىفەن دەپ جاۋاب بىرىمەن. قۇيۇپ گۈرۈچ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئىسسىق مىفەن بىلەن ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان قورىمىلارنى قوشۇپ، ئۆزۈممۈ سەزمىگەن ھالدا 3-2پىيالە مىفەن يەۋىتىمەن.
   لېكىن، مىفەن دۈملەشكىمۇ بەلگىلىك تېخنىكا كېتىدۇ؛ سۈيى كۆپ بولۇپ قالسا بەك چاپلىشىپ چىقىۋالىدۇ، سۇنى ئاز قۇيساق پىشماي قالىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مىفەن دۈملەشتە بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىر نەچچە خىل تاكتىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
گۈرۈچنى يۇيۇش
   گۈرۈچنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يۇماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يۇساق، گۈرۈچنىڭ تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار زور مىقداردا ئېقىپ خوراپ كېتىدۇ، بۇنىڭدا دۈملەنگەن مىفەننىڭمۇ تەملىك بولۇش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
چىلاپ قويۇش
   شارائىت يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا، گۈرۈچنى دۈملەشتىن ئاۋۋال سوغۇق سۇغا بىر سائەت چىلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدا، گۈرۈچ سۇ تەركىبلىرىنى تولۇق سۈمۈرۈپ، دۈملەنگەن مىفەن گۈرۈچ تولۇق ئېتىلغان دانىچىلىرى تولغان چىقىدۇ.
گۈرۈچ بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى
   گۈرۈچ دۈملىگەن ۋاقىتتا، گۈرۈچ بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى 1:1.2 بولۇشى كېرەك.
تەم قوشۇش
   ئەگەر ئۆيىڭىزدىكى گۈرۈچ كونا گۈرۈچ بولسا، بۇنىڭمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ئوخشاشلا يېڭى گۈرۈچكە ئوخشاش تەم چىقىرىپ دۈملىيەلەيسىز. يەنى، دۈملەشنىڭ ئالدىدا قازانغا ئازراق تۇز ۋە خاسىڭ مېيى قۇشۇۋەتسىڭىز(خاسىڭ مېيىنى قىزىتىپ پىشۇرغاندىن كىيىن سۇۋۇتۇپ ئاندىن قوشۇش كېرەك)، بۇنداق دۈملەنگەن مىفەن تەمى ۋە پۇرىقى ئىنتايىن يېقىشلىق پىشىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号