ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوغۇل دوستنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئۆلچىمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىر بۆلەك مۇھەببەت، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇش ۋە ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىش بولۇپ، قارشى تەرەپ سىز ئۈچۈن قۇياش نۇرىدەك مۇھىم بىلىنىدۇ.
   ئوغۇل دوستنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئۆلچىمى:
سىزنىڭ ھەممە ئىشىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش
   ئۇچۇر قايتۇرۇش پوزىتسىيەسى ۋە سۈرئىتى، سىزگە ئېتىبار بىلەن قاراش دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ چۈنكى، سىز ئۈچۈن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى خالايدىغان ئادەم، ئاندىن سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدۇر.
سىز بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىدۇ
   مۇھەببەتنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ، سىز بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىشنىمۇ خالىمىغان ئادەمنىڭ، سىزنى ياخشى كۆرىشىمۇ چاغلىق بولىدۇ.
سىز بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ۋاقىتقا قەتئى رىئايە قىلىدۇ
   ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك بولمىغان ئادەم، ئۇچرىشىشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بۇنداق ئادەم بىلەن مۇھەببەتلەشكەندە، ئادەمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمايدۇ. ھەممەيلەن ئالدىراش، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى خالىغانچە ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ، ئۇ سىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنداق قىلماڭ.
جىدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن تەشەببۇسكار ھالدا ئاۋۋال كەچۈرۈم سورايدۇ
   مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا زىددىيەتلىشىپ جىدەللىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەگەر ئوغۇل بالا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىغىنى تونۇپ، قىز بالىنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان گەپلەرنى قىلىشنى خالىسا، بۇنداق جىدەل ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
باشقا قىزلار بىلەن يېقىنلىق مۇناسىۋىتىدە بولمايدۇ
   سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇل بالا، سىزنى تاشلاپ قويۇپ باشقا قىزلارغا قاش كۆز ئوينىتىپ يۈرمەيدۇ، سىزدىن يوشۇرۇن باشقا قىزلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى تېخىمۇ قىلمايدۇ.
سىزگە قەتئىي ئىشنىدۇ
   ئاسانلىقچە قارشى تەرەپتىن گۇمانلىنىدىغان ئادەمنىڭ مۇھەببىتى، شامالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بولغىچىلا توزۇپ كېتىدۇ.
سوغۇق زوراۋانلىق ئىشلىتىپ ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ
   نۇرغۇن ئوغۇللارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، قىزىقتۇرۇشلارغا قارىتا قارشىلىق كۈچى بولمايدۇ، تالاغا قارىغاننى ئاز دەپ، مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسىلا سۇغۇق زوراۋانلىق ئىشلىتىپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئارىدىكى مۇھەببەتنى خورىتىپ تۈگىتىدۇ.
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار
   مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئوغۇل بالا، سىزگە ۋە ئوتتۇرلىقىڭلاردىكى مۇھەببەتكە مەسئۇل بولۇشنى بىلىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号