ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چاچنى ئەتىگىنى يۇغان ياخشىمۇ ياكى كەچتىمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   چاچ يۇيۇش، ئاددى ھەم ئادەتتىكىچە بىر ئىش، لېكىن ئادەمنىڭ ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك! بەزىبىر ياشلار، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا چاچ يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن، سىرتقى ئوبرازى ھەممىدىن مۇھىم. لېكىن سىز بىلەمسىز، چاچنى ئەتىگىنى يۇيۇش بىلەن كەچتە يۇيۇشنىڭ قايسىسى بەدەنگە بەكرەك زىيانلىق؟
ئەتىگىنى چاچ يۇيۇشنىڭ زىيانلىق تەرىپى
   سەھەردە ئەمدى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، قان ئايلىنىش تېخى نورمال ھالەتكە قايتىپ كېلىپ بولالمىغان بولۇپ، قان ئايلىنىش نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا چاچنى يۇغاندا، باش تېرىسى نىسبەتەن سەزگۈر بولغانلىق سەۋەبىدىن، سۇنىڭ غىدىقلىشى نەتىجىسىدە، بەدەندىكى قان ئايلىنىش بىراقلا تېزلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ سوغۇق قىش كۈنلىرىدە، ئۆي ئىچى بىلەن ئۆي سىرتىنىڭ تىمپىراتۇرىسى نىسبەتەن چوڭ بولغاچقا، ئەگەر چاچ تولۇق قۇرۇپ بولالماي تۇرۇپ سىرتقا چىقساق، ئاسانلا سوغۇققا توڭۇپ زۇكام بولۇپ قالىمىز. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا چاچ يۇيۇشتىن ساقلانماق لازىم.
ئاخشىمى چاچ يۇيۇشنىڭ پايدىسىز تەرىپى
   كەچ سائەت ئوندىن سەھەر سائەت ئىككىگىچە بولغان ئارىلىق، باش تېرىمىزنىڭ ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا تۇغۇلۇش مەزگىلى ۋە پائالىيەتچان مەزگىلى؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مەزگىل يەنە، بەدەن ئورگانىزىمى ئۆزىنى ياخشىلاپ ئوڭشايدىغان مۇھىم مەزگىلدۇر. بىز ئەگەر بۇ ۋاقىت بۆلىكىنىڭ ئالدىدا بېشىمىزنى يۇساق، باش تېرىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا تۇغۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن كەچ سائەت ئونغىچە بولغان ئارىلىقتا بېشىمىزنى يۇساق بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، كەچتە بېشىمىزنى يۇغان ۋاقىتتا، چېچىمىزنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇرۇپ بولۇشىغا يىتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
چاچ يۇغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
   1. باشنى يۇغاندا تىرناق بىلەن تاتىلىماسلىق كېرەك؛ تىرناقتا نۇرغۇنلىغان باكتىرىيەلەر بار، ئەگەر باش تېرىسى تىتىلىپ كەتسە، ئاسانلا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.
   2. بىر تەرەپتىن باش يۇيۇپ بىر تەرەپتىن چاچ تاراشتىن ساقلىنىش لازىم.
   3. چاچنى يۇيۇپ بولۇپلا سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، چاچ ئۇچرايدىغان ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر، يۈز قىسىمنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، چاچنى يۇيۇپلا سىرتقا چىقساق، بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە، چاچ ئاسانلا زىيانغا ئۇچراپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كۈنلۈك تۇتۇۋىلىشىڭىز ياكى قالپاق كىيىۋىلىشىڭىز لازىم.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号