ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سامساقنى ئۆيدە بىخلاتماي ساقلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سامساق، ئۆيدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل خۇرۇچ ماتېرىيالى بولۇپ، ھەر كۈنلۈك تاماق تەييارلاشتا ئىشلىتىمىز. بۇ سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر سامساق سېتىۋالغاندا بىر قېتىمدا كۆپلەپ سېتىۋالىدۇ. لېكىن، ئەگەر سامساقنى ساقلاش ئۇسۇلىمىز توغرا بولمىسا، ئۇنداقتا سامساق بىخلاپ قېلىپ ياكى قورۇلۇپ قېلىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
   تۆۋەندە، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سامساق ساقلاشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ سامساقنى بۇ ئۇسۇلدا ساقلىسىڭىز، بىر يىل قويۇپ قويسىڭىزمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
تۇزدا ساقلاش ئۇسۇلى
   سامساقنى قۇرغاق سۇلياۋ خالتا ئىچىگە سېلىپ، كەينىدىن ئۈستىگە بىر سىقىم تۇز سېپىۋەتكەندىن كېيىن، خالتا ئىچىدىكى ھاۋانى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ، خالتىنىڭ ئېغىزىنى چىگىپ قويساقلا بولىدۇ.
   چۈنكى، تۇزنىڭ نەملىكتىن ساقلاپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بار بولۇپ، سامساقنىڭ قۇرغاق مۇھىتتا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، ئېغىزى ھىم چىگىۋىتىلگەن خالتا ئىچىدە، ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئازلايدىغان بولغاچقا، سامساقنىڭ ئوكسىدلىنىپ بۇزۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى كىچىكلەيدۇ.
تاماكا قوشۇپ ساقلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن سامساقنى قۇرغاق سۇلياۋ خالتا ئىچىگە سېلىپ، سامساققا قوشۇپ ئىككى تال تاماكا سېلىپ قويىمىز. كەينىدىن سۇلياۋ خالتىدىكى ھاۋانى سىقىپ چىقىرىۋىتىپ، ئېغىزىنى ھىم چىگىۋەتسەك بولىدۇ. بۇنىڭدا، سامساق قورۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ قالمايدۇ.
   چۈنكى تاماكا، سۇلياۋ خالتا ئىچىدىكى نەملىكنى سۈمۈرەلەيدىغان بولۇپ، خالتا ئىچى ھاۋاسىنى نىسبەتەن قۇرغاق ۋە ئوكسىگېنسىز ھالەتتە ساقلايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سامساق بىخلىنىپ قالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号