ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۆكمۇچنىڭ ئەڭ ياخشى يىيىش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
كۆكمۇچ تۇخۇم قورىمىسى

   خام ماتېرىيالى: تۇخۇم، كۆكمۇچ، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆكمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق ھالدا توغۇرىۋالىمىز. تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ، ئازراق تۇز قوشۇپ قوچۇيمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنى داغلاپ قاتۇرغاندىن كېيىن، قاچىغا ئۇسسۇپ ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، مايغا كۆكمۇچنى سېلىپ قورۇپ، كۆكمۇچنىڭ سىرتقى يۈز قىسىمى سارغايغاندىن كېيىن، قاتۇرغان تۇخۇمنى سېلىپ، ئازراق قورۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
كۆكمۇچ توخۇ پاچاق گۆش قورىمىسى

   خام ماتېرىيالى: توخۇ پاچاق گۆشى، كۆكمۇچ، كىراخمال، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، شىكەر، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. توخو پاچاق گۆشنىڭ سۆڭىكىنى ئاجرىتىۋىتىپ ئۇششاق بۇرجەكلىك قىلىپ توغرايمىز؛ ئۈستىگە شېكەر، شىڭچۇۋو جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، كىراخمال قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ 30مىنۇت قويۇپ قويىمىز؛
   2. كۆكمۇچنى ئۇششاق توغرايمىز؛ ئەگەر ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئازاق قىزىلمۇچ قوشۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، توخۇ گۆشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قورۇلۇپ يېغىلغاندىن كېيىن كۆكمۇچنى قوشۇپ داۋاملىق تۈردە قورۇيمىز؛ ئاخىرىدا ئازراق تۇز ۋە توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
قىيمىلىق كۆكمۇچ

   خام ماتېرىيالى: كۆكمۇچ، قوي گۆشى، پىياز، زەنجىۋىل، سامساق، تۇخۇم، كىراخمال، تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆكمۇچنىڭ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىپ يۇغاندىن كېيىن، سۈيىنى پاكىزە قۇرۇتىمىز. قوي گۆشىنى قىيما قىلىپ توغراپ، ئۈستىگە پىياز، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىقلارنى چاناپ قوشىمىز؛ كەينىدىن تېتىتىقۇ ھارىقى، تۇز، تۇخۇم، كىراخمال قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.
   2. قىيمىنى كۆكمۇچ ئىچىگە تىقىمىز.
   3. قىيام تەييارلىۋالىمىز: چىنىدىن بىرگە، مۇۋاپىق مىقداردا شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، شېكەر، سۇ قويۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، قىيما تىقىلغان كۆكمۇچنى قازانغا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپى سارغايغۇچىلىك كىچىك ئوتتا داغلايمىز؛ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، چوقۇم كىچىك ئوتتا سەۋرچانلىق بىلەن داغلىشىڭىز كېرەك.
   5. ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنى قازانغا قويۇپ، ئىككى مىنۇت دۈملەپ قاينىتىمىز، ئىككى مىنۇتتىن كېيىن چوڭ ئوتتا قاينىتىپ سۈيىنى تۈگەتكەندىن كېيىن تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号