ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھۇرۇنلار تاماق رىسالىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
كۆك پۇرچاق قوشۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان چۆپ

    خام ماتېرىيالى: 250گىرام كۆك پۇرچاق، 150گىرام چۆپ، 50گىرام قوي گۆشى، ئىستېمال مېيى، تېتىتقۇ ھارىقى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، چىلانغان قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قوي گۆشىنى توغراپ تەييارلايمىز؛ كۆك پۇرچاقنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، چوڭ-كىچىكلىكىنى ئوخشاش قىلىپ بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەخسىگە سېلىپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى يۇقىرى ئوتقا ئەكىلىپ 4مىنۇت ئايلاندۇرىمىز؛ 4مىنۇت توشقاندىن كېيىن ئېلىپ چوكىدا بىر ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قايتىدىن يەنە 4مىنۇت ئارىلاشتۇرىمىز.
   2. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، چىلانغان قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى ۋە گۆش قاتارلىقلارنى سېلىپ، گۆشنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگۈچە قورۇيمىز؛ كەينىدىن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئايلاندۇرغان كۆك پۇرچاقنى سېلىپ، ئۈستىگە شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ تەكشى قورۇيمىز.
   3. قازانغا ئازراق قايناقسۇ قوشۇپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن خۇرۇچلار پۈتۈنلەي سىڭشىپ بىرىككۈچە قورۇيمىز؛ ئاخىرىدا قازاندىكى شورپىنى ئېلىۋېتىپ، ئاز بىر قىسمىنى ئېلىپ قالىمىز.
   4. چۆپنى قازانغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ، ئوتتۇرا ھال ياكى كىچىك ئوتتا 15 مىنۇت قويۇپ، چۆپنى قىزىق ھوردا دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئاخىرىدا، چۆپ بىلەن كۆك پۇرچاقنى قۇرۇپ ئارىلاشتۇرىۋەتسەكلا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
رەڭلىك دۈملەنگەن چۆپ

   خام ماتېرىيالى: چۆپ، ياڭيۇ، سەۋزە، قارا قېرىنقولاق، موگو، غولپىياز، شېكەر، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇ، كۆممىقوناق دانىچىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. پىياز، سەۋزە، ياڭيۇ، موگ قاتارلىقلارنى كىچىك تۆت بۇرجەك ھالەتتە توغرىۋالىمىز؛قارا قېرىنقولاقنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ چۆپنى سەككىز ئۈلۈش پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   2. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، ماي قىزىغاندىن كېيىن، توغرالغان غولپىيازنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن، توغرالغان ياڭيۇ بىلەن سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز.
   3. قالغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىنى بىراقلا قازانغا سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورىغاندىن كېيىن، ئازراق سۇ قۇيۇپ، تۇز ۋە ئاق شىكەر قوشۇپ ئازراق قاينىتىپ پىشۇرىمىز.
   4. ئالدىدا پىشۇرۇپ ئېلىۋالغان چۆپنى سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز؛ سۈيى قايناپ تۈگەي دىگەندە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
تاتلىق ياڭيۇ قوشۇلغان سامساق تەملىك دۈملىمە چۆپ

   خام ماتېرىيالى: نەم چۆپ 200گىرام، تاتلىق ياڭيۇ 150گىرام، كۆكمۇچ، سامساق، ئىستېمال مېيى، تۇز، پۇرچاق بوتقىسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆكمۇچ ۋە تاتلىق ياڭيۇنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ توغرايمىز؛ سامساقنى ئىزىپ توغراپ تەييارلايمىز.
   2. قازاندا ماي قىزىتىپ، سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كۆكمۇچ، تاتلىق ياڭيۇنى سېلىپ، ئۈستىگە ئازراق پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   3. ئۈستىگە ئازراق سۇغۇق سو قوشۇپ، بەش مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرىمىز؛ نەم چۆپنى تاتلىق ياڭيۇ ئۈستىگە تەكشى ياتقۇزۇپ، تاتلىق ياڭيۇنى پىشۇرغان سۇ ھورى بىلەن چۆپنى دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   4. قازاندىكى شورپا ئاز قالغاندا، ئازراق جىياڭيۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号