ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تازىلىق قەغىزىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنى بىلەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تازىلىق قەغىزى(卫生巾)، ھەر بىر ئائىلىدە چوقۇم ساقلىنىدىغان زۆرۈر لازىمەتلىكنىڭ بىرى؛ بەزى كىشىلەر ئۇنى كۆپ ئىقتىدارلىق بۇيۇم ئورنىدا ئىشلىتىپ، ھاجەتخانىدا ئىشلەتكەندىن باشقا، ئۇنى يەنە ئۈستەل سۈرتۈشكە، ئاياغ سۈرتۈشكە ئىشلىتىدۇ، بەزىلەر بالىلىرىغا تاماق قەغىزى قىلىپ بىرىدۇ ياكى بالىسىنىڭ بۇرنىنى سۈرتىدۇ. چۈنكى، تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىش جەھەتتە ھەقىقەتەن قولايلىق. لېكىن، بۇنداق ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى زادى توغرىمۇ ئەمەس؟ تازىلىق قەغىزىنىڭ توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى قانداق بولىدۇ؟
   1. ئۆيىدە كىچىك بالىسى بارلار، مەيلى ئېغىزىنى سۈرتۈش ئۈچۈن بولسۇن ياكى بۇرنىنى سۈرتۈش ئۈچۈن بولسۇن، ئەڭ ياخشىسى تازىلىق قەغىزى ئىشلەتمەسلىك كېرەك؛ بالىلارنىڭ ئېغىزىنى ياكى بۇرنىنى سۈرتۈشكە، ھۆل قەغەز ياكى سالفېتكا قەغىزى(餐巾纸) تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئەڭ ياخشىسى بوۋاقلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغىنىنى سېتىۋالساق، ھەم پاكىزە ھەم ساغلام بولىدۇ.
   2. زۇكام تىگىپ قالغان ۋاقىتتا، بىز ئادەتتە ھەمىشە تازىلىق قەغىزىدە بۇرنىمىزنى سۈرتىمىز؛ لېكىن تازىلىق قەغىزى بۇرۇن ۋە ئېغىزىمىزغا تىگىشىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى سۈنئىي ماتېرىياللار قوشۇلماي ئۆز رەڭگىدە ئىشلەنگەن سۈپىتى ياخشى قەغەز ئىشلىتىش، بولمىسا لۆڭگە ئىشلىتىپ ئېرىنمەي يۇيۇپ پاكىزلاپ تۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدا نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ.
   3. بەزى ئائىلىلەردە، تاماق يىگەن ۋاقىتتا، ئۈستەلگە بىر يۆگەپ تازىلىق قەغىزى قويۇپ قويىدۇ؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت قولايلىقنى كۆزلەش بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى يىرتىپلا ئىشلىتەلەيدۇ. لېكىن، تازىلىق قەغىزى تەركىبىدە باكتىرىيە بار بولۇپ، تاماق ئۈستىلىدە ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ شۇڭا تاماق ئۈستىلىدە، ئەڭ ياخشىسى سالفېتكا قەغىزى ئىشلىتىش لازىم.
   4. يەنە بەزى كىشىلەر، تازىلىق قەغىزى بىلەن قاچا سۈرتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا، تازىلىق قەغىزى ماي سۈمۈرىدۇ، قاچىنىڭ قۇرىشىنىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ. لېكىن بۇ، ياخشى ئۇسۇل ئەمەس. توغرا ئۇسۇل، قاچا يۇيۇش دەسمالى ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قاچىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە رەت چايقىۋىتىپ، ئاخىرىدا سۈيىنى ساقىتىش سىۋىتىگە سېلىپ قۇرۇتۇشتۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号